UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار«3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى

«3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى − پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىك بولغان، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تىرىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. «دېموكراتىك ئىلىم - پەن سۆھبەت يىغىنى» «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىدۇر.1944 - يىلىنىڭ ئاخىرى بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر ئالىملار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى ۋە سىياسىي دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، »4 - ماي« ھەرىكىتىنىڭ دېموكراتىك ۋە ئىلمىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چۇڭچىڭدا «دېموكراتىك ئىلىم - پەن سۆھبەت يىغىنى» نى تەشكىل قىلىپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسىي قارىشىنى ئېلان قىلدى. كېيىن1945 - يىل9 - ئاينىڭ3 - كۈنىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ۋە خەلقئارا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن،1946 - يىل5 - ئاينىڭ4 - كۈنى نامىنى «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، شۈ دېخېڭ، چۇ فۇچېڭ قاتارلىق16 كىشىنى مۇدىرلىققا سايلىدى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى پائال قوللاپ، ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە زىيانكەشلىككە قارشى كۈرەشكە قاتناشتى.1949 - يىلى «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز ئەزالىرىنى ۋە ئالاقىسى بولغان زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يەر ئىسلاھاتى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھەرىكەتكە پائال ئاتلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قويدى. ئۇ ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ھۆكۈمەتنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردەملەشتى؛ ئىسلاھات، قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ۋە دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشكە قاتنىشىپ، بىرمۇنچە مۇھىم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى؛ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئەقلىي كۈچنى ئېچىش، پەن - تېخنىكا جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، چېگرا رايونغا ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى؛ ئەزالىرىنىڭ ۋە ئالاقىسى بولغان پەن - تېخنىكا، ئالىي مائارىپ ۋە تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنىڭ ئىش ئورنى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشتى؛ چەت ئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە خەلق دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە خەلقئارادا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى40 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە91 كىشى7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولدى،124 كىشى7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى،3000 دىن ئارتۇق كىشى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشكە قاتناشتى. «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن94 كىشى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى شۈ دېخېڭ.1988 - يىلى جۇ پېييۈەن رەئىسلىككە سايلاندى؛ شۈ دېخېڭ، يەن جىسى، ماۋ يىشېڭ، جىن شەنباۋلار پەخرىي رەئىس بولدى.1992 - يىل12 - ئاينىڭ31 - كۈنى ۋۇ جيېپىڭ رەئىسلىككە سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
«3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki