UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.1949 - يىلى3 - ئايدا، بېيپىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار14 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوممۇنىستىك تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساۋاقداشلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش؛ ساغلام، پايدىلىق، مول مەزمۇنلۇق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ساۋاقداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛ ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ساۋاقداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت.
مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدە كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئومۇمەن مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولالايدۇ. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاي ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئۇ مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتى قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چوڭ - چوڭ مەسىلىلىرىنى قارار قىلىدۇ، رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان ئەزا ئورۇنلار ئەۋەتكەن ۋەكىل رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ھەيئەت رىياسىتى تەشكىل قىلىنىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.