UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى − جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى. پارتىيىنىڭ ئاخىرقى نىشانى − كوممۇنىستىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى1921 - يىل7 - ئاينىڭ23 - كۈنى دۇنياغا كەلگەن.7 - ئاينىڭ1 - كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش ئارقىلىق يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇردى.11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا بۇراپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدە جەمئىي53 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار (1992 - يىلى10 - ئاي). پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى بايرىقى ئاستىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki