UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىمۇ تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن - نىزاملارنى قوغداش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيىنىڭ فاڭجېن، لۇشيەن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىش؛ پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش تەربىيىسى بېرىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش قارارى چىقىرىش؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، بۇ دېلولاردا پارتىيە ئەزالىرىغا چارە كۆرۈشنى قارار قىلىش ياكى ئۇ چارىنى بىكار قىلىش؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىش.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى شۇ ئورگاندىكى پارتىيە رەھبەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيىنىڭ مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.