UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى

ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى قىسقارتىپ «مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە ئالاقىلىشىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر. ئۇ1956 - يىل10 - ئاينىڭ12 - كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا يەنئەندە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغانىدى.1949 - يىل7 - ئاينىڭ8 - كۈنى جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدا ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى بېيپىڭدا جۇڭگو مۇھاجىر زاتلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئازاد رايونلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نامىنى ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.1956 - يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭ1 - قۇرۇلتىيىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ1 - نۆۋەتلىك كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى، بۇنىڭغا چېن جياگېڭ رەئىس بولدى. مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەت خەلقى بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىدە كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرى ۋە باشقا ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلا بولسا، تەستىق ئارقىلىق بىر دەرىجە يۇقىرى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى بولسا بولىدۇ. مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار قۇرۇلتىيىدۇر. قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يىغىن ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki