UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو ئەمالار، گاس - گاچىلار جەمئىيىتى
جۇڭگو ئەمالار، گاس - گاچىلار جەمئىيىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو ئەمالار، گاس - گاچىلار جەمئىيىتى1960 - يىل5 - ئاينىڭ25 - كۈنى قۇرۇلغان. دۆلىتىمىزدە ئەمالار ۋە گاس - گاچىلارنىڭ سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ، ئەمالار ۋە گاس - گاچىلار خىزمىتى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش.
جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەمالار ۋە گاس - گاچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى - سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەمالار ۋە گاس - گاچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى، ئەما يېزىقىدا نەشر قىلىش خىزمىتى ۋە ئەمالىق، گاس - گاچىلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئەمالار ۋە گاس - گاچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە چامىسى يېتىدىغان خىزمەتكە قاتنىشىپ، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا پائال ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.1980 - يىلى4 - ئايدا جۇڭگو ئەمالار، گاس - گاچىلارنىڭ3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، ئەمالار ۋە گاس - گاچىلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تۆھپە قىلىشقا چاقىردى.