UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى
جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى − تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.1927
- يىلى5 - ئايدا گومىنداڭنىڭ داڭلىق سولچىسى دېڭ يەندا سۇن جۇڭشەننىڭ «روسىيە ۋە كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقان - ئىشچىلارغا يار - يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنى غۇلغۇلا قىلدى.1930 - يىلى ئۇ شاڭخەيدە ئېچىلغان1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك كادىرلار يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتىنى قۇردى، يىغىندا مەركىزىي كادىرلار ئۇيۇشمىسى سايلاندى، دېڭ يەندا ئۇنىڭغا باش مۇدىر بولدى.1931 - يىلى11 - ئايدا دېڭ يەندا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.1935 - يىلى ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتى2 - قېتىملىق كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، نامىنى جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كومىتېتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، بۇ كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا خۇاڭ چىشياڭنى سايلىدى.1947 - يىلى شاڭخەيدە ئېچىلغان4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك كادىرلار يىغىنىدا بۇ پارتىيىنىڭ نامىنى جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى، جاڭ بوجۈن مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.1949 - يىلى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەمدە «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقان - ئىشچىلار پارتىيىسى خەلق ھاكىمىيىتى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، دېھقان - ئىشچىلار پارتىيىسى تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملەشتى؛ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، تېببىي داۋالاش، پەن - تېخنىكا بويىچە مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويدى، ئەقلىي جەھەتتە چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى؛ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، شۇنىڭدەك شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىلەن دوستلۇق - ئالاقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
دېھقان - ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى40 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى1000 دىن ئاشىدۇ، مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى4000 دىن ئاشىدۇ.
ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: دېڭ يەندا، خۇاڭ چىشياڭ، جاڭ بوجۈن، پېڭ زېمىن، جى فاڭ، جۇ گۇچېڭ، لۇ جياشى، جياڭ جېڭخۇا.