UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى جەدۋىلى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىدۇر. پارتىيە ئىچىدە ئۇ ئەڭ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، پارتىيە ئىچىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ھەم قارار قىلىش؛ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقىش؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىش.
پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت ئاچىدۇ. مەركىزىي كومىتېت زۆرۈر تاپقاندا ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تەلەپ قىلغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىشقا بولىدۇ.