UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يادرو كۈچ قىلىنغان ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ياشلارنىڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىدۇر.1949 - يىل5 - ئاينىڭ4 - كۈنىدىن11 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ1 - يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك دېموكراتىك ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، كېيىن ئۇنىڭ نامى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلدى.
مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىستىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە، دۆلىتىمىزنى يۈكسەك مەدەنىي ۋە يۈكسەك دېموكراتىيىلەشكەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.
مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيىتى، جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى قىزلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيىتى ۋە ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىقلاردىن بىرلىشىپ تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك كومىتېتىدۇر. مەملىكەتلىك كومىتېت ئەزا تەشكىلاتلار ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەخسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.
مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: لياۋ چېڭجى، ليۇ شىيۈەن، ۋاڭ ۋېي، خۇ چىلى، خۇ جىنتاۋ، ليۇ يەندۇڭ قاتارلىقلار.