UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارتەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى

جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى قىسقارتىپ «تەيۋەن ئىتتىپاقى» دېيىلىدۇ، ئۇ تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى زاتلاردىن تەركىب تاپقان، سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر ۋە سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقى، شۇنداقلا سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە. تەيۋەن ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تىرىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. تەيۋەن ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى ۋە پروگراممىسى جۇڭگونى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەيۋەن خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. تەيۋەن خەلقىنىڭ «28 - فېۋرال» قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم زاتلار ئەينى ۋاقىتتىكى تەيۋەن خەلقىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە تەلىپىگە ئاساسەن،1947 - يىل11 - ئاينىڭ12 - كۈنى شياڭگاڭدا تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ھىمايە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزىغا، «ب د ت نىڭ تەيۋەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى» ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا، تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا ۋە گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇردى.1949 - يىلى تەيۋەن ۋەكىللىرى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەيۋەن ئىتتىپاقى يەرلىك سىياسىي تەشكىلاتتىن جۇڭگودىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھقا ئايلىنىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا قاتناشتى، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتىنى مەسلىھەتلىشىشكە ئارىلاشتى ھەمدە دېموكراتىك نازارەتچىلىك يۈرگۈزدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، تەيۋەن ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش كۈرىشى، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، شۇنىڭدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. تەيۋەن ئىتتىپاقى تەيۋەننىڭ ئىستىقبالىغا، تەيۋەن خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى پارچىلانماسلىقنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا، ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. تەيۋەن ئىتتىپاقى دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى سىياسىي ئاساس قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.1987 - يىلى11 - ئايدا تەيۋەن ئىتتىپاقىنىڭ4 - قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن سىياسىي تەشەببۇس: «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» نى پرىنسىپ قىلىپ، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىكىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىدا، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر ساھەدىكى زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، پوچتا ئالاقىسى، سودا ئالاقىسى، قاتناش ئالاقىسى، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت ۋە پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىشتىن ئىبارەت. تەيۋەن ئىتتىپاقى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەركەزلەشكەن13 ئۆلكە ۋە شەھەردە يەرلىك تەشكىلات قۇردى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى زاتلار ئىچىدىكى زىيالىيلاردۇر. ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: شيې شۆخۇڭ، سەي شياۋ، سۇ زىخېڭ.4 - نۆۋەتلىك تەيۋەن ئىتتىپاقى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ھەيئەت رىياسىتى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، سۇ زىخېڭ پەخرىي رەئىسلىككە سايلاندى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى لىن شېڭجۇڭ، ھازىرقى رەئىسى جاڭ كېخۇي.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى | UyghurWiki | UyghurWiki