UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى
جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان، مېيىپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتىدۇر.1984 - يىل3 - ئاينىڭ10 - كۈنى مۇدىرىيەت «جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» نى ماقۇللىدى ھەمدە1984 - يىل3 - ئاينىڭ15 - كۈنى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بويىچە، مېيىپلەرنى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى باراۋەر ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى بىر مۇھىم كۈچكە ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ۋەزىپىسى جەمئىيەتكە مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش، داۋالىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مۇناسىپ بەلگىمىلەرنى چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىش؛ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى توپلاپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەشۋىق - تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش؛ خەلقئارادىكى مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت.
مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىدىن دېرەك بېرىدۇ.1984 - يىل6 - ئاينىڭ1 - كۈنى خەلقئارا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتى جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنى شۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى. ۋاڭ جېن جۇڭگو مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولدى.1993 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ2 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا لى رۇيخۇەن جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، دېڭ پۇفاڭ يەنە بىر قېتىم رەئىسلىككە سايلاندى.