UyghurWiki›جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار›جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى
جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى
جۇڭگودىكى سىياسىي پارتىيىلەرۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار
جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى1981 - يىل7 - ئاينىڭ28 - كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلدى.
بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ زاپاس قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش - يېتىلمەسلىكى ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى بېقىش، تەربىيىلەش ۋە ئۆستۈرۈش ئىجتىمائىي ئىش بولغانلىقتىن، ئاممىغا ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرگە تايانغاندىلا ئاندىن بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىزمەتنى مۇۋاپىق ئىشلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بالىلارنى قوغداش مەملىكەتلىك كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
فوند كارخانا، ئارمىيە، ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئىئانىسىدىن كېلىدۇ. فوندى جەمئىيىتى يەنە كوللېكتىپ ياكى شەخسىي ئىئانە قىلغان ئەشيالارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ئىئانە پۇللار بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنە ۋە پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىشتە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ. فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئورنى بېيجىڭدا.