بايلىقنى كۈتۈۋېلىش ۋە نامراتلىقنى ئۇزىتىش
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
قەدىمكى زاماندا چاغان تۈگىگەندىن كېيىن يەنە ئىككى كىچىك بايرام بولاتتى، بىرى، «نامراتلىقنى ئۇزىتىش»؛ يەنە بىرى، «بايلىقنى كۈتۈۋېلىش» بايرىمى. نامراتلىقنى ئۇزىتىشتا «نامراتلىق ئىلاھى» ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ، ئادەتتە قەمەرىيە كالېندارى بويىچە1 - ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى − «ئاخىرقى كۈن» دەپ ئاتىلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نامراتلىق ئىلاھى شۇ كۈنى ئۆلىدىكەن.
رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان نامراتلىق ئىلاھى ئورۇق، پاكار بولۇپ، جۇل - جۇل كىيىملەرنى كىيىپ، ئۇماچ ئىچىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم تىكىپ بەرگەن بىلەنمۇ، يەنىلا ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۆشۈك قىلىپ بەرسە ئاندىن كىيىدىكەن. قەدىمكى كىتابلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ يالاڭ تۆش قەدىمكى زاماندىكى پادىشاھ جۇەنشۈينىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى «چيۇڭزى» ئىكەن. جايلارنىڭ «نامراتلىقنى ئۇزىتىش» مۇراسىمى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بەزىلەر شۇ كۈنى ئۆيىنى تازىلاپ، چاڭ - توزان، ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ سۇغا تاشلىۋېتىدىكەن. بەزىلەر ئۇماچ ئېتىپ، بىرمۇنچە يىرتىق كىيىملەرنى تار كوچىلارغا قويۇپ، ئۇنى يىراقلارغا ئۇزىتىدىكەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئەدىب خەن يۈينىڭ «نامراتلىقنى ئۇزىتىش» دېگەن ئەسىرىدە: «تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، ئوت - ساماننى قولۋاق» دېگەن جۈملىلەر ئۇچرايدۇ، بۇ نامراتلار يولغا چىققاندا تەييارلىنىدىغان قاتناش قوراللىرى بولۇپ، ھەتتا ئوزۇق - تۈلۈكمۇ سەپلەنگەن. نامراتلىقنى ئۇزىتىش ئادىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە كەڭ تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ نامراتلىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەمما كونا جەمئىيەتتە ئەمگەكچى خەلققە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر يىلى نامراتلىقنى ئۇزىتىش نامراتلىقنى قوبۇل قىلىش بولۇپ كەلدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىر ياۋ خې يازغان بىر شېئىرىدا ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «يىلدا، مۇشۇ كۈندە، كوچا - كويلاردا ھاراق چېچىلىپ، تاماق سۇنۇلار. ئۆي - ئۆيلەردە ھەممە بىردەك نامراتلىق ئىلاھىنى ئۇزىتار.»، «قەدىمكىلەرگە يات ئىدى بىر - بىرىدىن ئايرىلىش، كىشىنى خۇشال قىلار بۇ قېتىمقى ئايرىلىش. ئەمما ئۇنى ھەر يىلى چىقىرالمىدۇق ئىشىكتىن، ئەپسۇس، بىكار كەتتى ئۇزىتىش» دېگەن.
نامراتلىقنى ئۇزىتىپ بىر كۈن ئاتلاپلا،2 - ئاينىڭ2 - كۈنى «بايلىقنى كۈتۈۋېلىش» كۈنى كېلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان رەسسام چېن ۋېييۆ «نامراتلىقنى ئۇزىتىش سۈرىتى» ۋە «يايلىقنى كۈتۈۋېلىش سۈرىتى» سىزغان، دېمەك، ئۆز زامانىسىدا بۇ ئىش ناھايىتى داغدۇغىلىق بولغانىكەن.
«بايلىقنى كۈتۈۋېلىش» ۋە «نامراتلىقنى ئۈزىتىش» لارنىڭ ھەممىسىنىڭ چاغان بولۇۋاتقان مەزگىللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قەدىمكى زاماندا خەلقنىڭ چاغان مەزگىلىدە يىل ئالمىشىۋاتقان، كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، ئۆتمۈشتىكى نامراتلىق ۋە ئازاب - ئوقۇبەتنى ئۇزىتىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.