قەمەرىيە كالېندارى ۋە24 مەۋسۇم
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
جۇڭگونىڭ يىل، پەسىل ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقىت ھېسابلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە كالېندار تەخمىنەن ئۈچ خىل بولۇپ كەلدى. بىرىنچى خىلى، قەمەرىيە (ئاي كالېندارى)، ئاي فازىسىنىڭ پۈتۈن - كەمتۈك ئۆزگىرىش دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن؛ ئىككىنچى خىلى، شەمسىيە (كۈن كالېندارى)، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن؛ ئۈچىنچى خىلى، قەمەرىيە - شەمسىيە بىرلەشمە كالېندارى، ئۇنىڭدا ئاينىڭ يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىشى بىر ئاي، يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىشى بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەم ئاي فازىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئاينىڭ1 - كۈنى چوقۇم قاراڭغۇ (ئاينى كۆرگىلى بولمايدۇ) بولىدۇ، ئاينىڭ15 ى چوقۇم يورۇق (تولۇن ئاي) بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسىللىرى بىردەك ماسلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاسان بولىدۇ. قەمەرىيە - شەمسىيە بىرلەشمە كالېندارى «قەمەرىيە كالېندارى» ياكى «دېھقانلار كالېندارى» دەپ ئاتىلىدۇ.1912
- يىلىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىنگو شەمسىيە كالېندارىنى قوللانغان.1949 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شەمسىيە كالېندارى بويىچە ۋاقىت ھېسابلاش رەسمىي قارار قىلىندى، ئەمما دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋە يىل، پەسىل، ھېيت - بايراملارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا قەمەرىيە كالېندارى (دېھقانلار كالېندارى) نىمۇ ئىشلەتتى.24
مەۋسۇم ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرلىرىدە شەكىللەنگەن، ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئىلىم - پەن تارىخىدىكى بىر شانلىق نەتىجە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئوخشاشلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جياڭسۇ - جېجياڭ رايونىدىكى دېھقانچىلىققا دائىر تەمسىللەردە ھەرقايسى مەۋسۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شەرھلەنگەن.
باش باھاردا ئىللىيدۇ ھاۋا، يامغۇر سۈيى بىلەن توشىدۇ دەريا.
ئۆچەكتىن چىقار، قۇرت - قوڭغۇزلار ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشەر.
چوكانتالدا كۆمۈلەر ئۇرۇق، قىزىكلوستا تىكىلىدۇ شال.
باش ياز بىلەن تۇرنا دەم ئالار، سەرەتاندا قۇشلار چۇرقىرار.
ئورما ۋاقتى دېھقانلار خۇشال، يازلىق كۈن - تۈن تەڭشىلەر قايتا.
باش تومۇزنى ئىسسىق دېمەڭلار، تومۇز پەيتى ئېتىز ئالدىرار.
باش كۆز دېگەن يىغىم ھارپىسى، كۈزگى تېرىم بولسۇن ئېسىڭدە.
ئاق شەبنەمنى كۆرۈپ يىغىم قىل، كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلەشكىنىدە، ئېتىزلاردا قالماس كۆك نەرسە.
سوغۇق شەبنەم سوغۇقمۇ ئەمەس، قىرو چۈشۈكى چىللايدۇ قىشنى.
باش قىش بىلەن سوۋۇيدۇ ئاسمان، سېرىق قاردا توڭلايدۇ زېمىن.
ئاق قار قاپلىغاندا جاھاننى بولار توڭ قىش، قىشلىق كۈن - تۈن توختاپ بۇ چاغ چىللە كىرىدۇ.
قارا سوغۇقتا بازارغا ماڭغىن، قاپاق ياردىدا ھېيت - بايرام قىلغىن.
دېھقانچىلىققا دائىر بۇ تەمسىللەرنىڭ ھەربىر جۈملىسىنىڭ بېشىدىكى ئىككى خېتى مەۋسۇم نامى ھېسابلىنىدۇ.24 مەۋسۇم ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسىللىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش دەۋرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇڭا ھەربىر مەۋسۇمنىڭ شەمسىيە كالېندارىدىكى ۋاقتى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن، چوكانتال ئومۇمەن4 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئەتراپىدا، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش12 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئەتراپىدا بولىدۇ.