چۇڭياڭ بايرىمى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا1 ،3 ،5 ،7 ،9 رەقەملىرى كۈنگە،2 ،4 ،6 ،8 رەقەملىرى ئايغا تەۋە بولىدۇ. شۇڭا، دېھقانلار كالېندارى بويىچە9 - ئاينىڭ9 - كۈنى چۇڭياڭ (ئېگىزگە چىقىش) بايرىمى بولۇپ، يەنى قوش توققۇز بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى جايلار چۇڭياڭ بايرىمىنى «ياشانغانلار بايرىمى» قىلىپ بېكىتكەن، چۈنكى بۇ بايرام پائالىيىتى ياشانغانلارغا باب كېلىدۇ. چۇڭياڭ بايرىمى ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە پەيدا بولغان بولۇپ،1700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
ئېگىزگە چىقىش چۇڭياڭ بايرىمىدىكى ئاساسلىق ئۆرپ - ئادەت. ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر ئىككى توققۇز ئۆزئارا قاتلانسا خەيرلىك بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئېگىزگە چىقىش ئارقىلىق بالا - قازادىن ساقلىنىپ، ئاپەتنى تۈگەتمەكچى بولغان. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ خىل خۇراپىي قاراش تەدرىجىي سۇسلىشىپ، ساپ ھاۋالىق كۆز پەسلىدە، كىشىلەر تاغلارغا چىقىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئېگىزگە چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە ساياھەت ھەرىكىتىگە ئۆزگىرىپ كەتتى.
بېشىغا كورنۇس قىسىۋېلىش چۇڭياڭ بايرىمىدىكى يەنە بىر ئەنئەنىۋى ئادەت ھېسابلىنىدۇ. كورنۇس بەدىيان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان يېرىم ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېۋىسىنى يېگىلى، غولى ۋە يوپۇرماقلىرىنى دورا ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ بېشىغا كورنۇس قىسىۋېلىشىمۇ يامانلىقنى قوغلاش، دەسلەپكى سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر ۋاڭ ۋېينىڭ «9 - ئاينىڭ9 - كۈنى شەندۇڭدىكى قېرىنداشلىرىمنى ئەسلەپ» دېگەن شېئىرىدا: «يۈردۈم ياقا يۇرتتا ئەجەب، تەنھا ئۈزۈم قالدىم تېنەپ، قۇتلۇق كۈنى ياد ئەيلىدىم تۇغقانلىرىمنى ھەسسىلەپ. ئاغا - ئىنىم كورنۇس تاقاپ چىققان چېغى دۆڭگە شۇ تاپ، قىلسام قىياس ناشاد ئېرۇر ئاراسىدا يوق بىرى دەپ» دەپ يېزىشى دەل مۇشۇ ئادەتتىن ئىبارەت.9
- ئاي يەنە «جۇخارگۈل ئېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇخارگۈلنى پەيزى قىلىش، جۇخارگۈل ھارىقى ئىچىشمۇ ئېگىزگە چىقىش بايرىمىدىكى بىر ئادەت ھېسابلىنىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى قاۋاقخانىلار چۇڭياڭ بايرىمى مەزگىلىدە جۇخارگۈلدىن ئىشىك ياساپ قويىدۇ، مېھمانلار شۇ گۈل ئىشىكىدىن كىرىپ - چىققان، ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ كېتىدىغان چاغدا بېشىغا بىر تال جۇخارگۈلنى قىسىپ قويىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى جايلاردا يەنە كاتتا جۇخارگۈل يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
چۇڭياڭ يېمەكلىكى بۇ مەزگىلدىكى ئاساسىي يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بولدۇرۇلغان گۈرۈچ ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى چىلان، كاشتان، ئۆرۈك مېغىزى قوشۇپ تاتلىق قىلىپ تەييارلاشقىمۇ ھەم يېڭى گۆشتىن قىيما قىلىپ تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. ئەھمىيەت بېرىدىغانلار يەنە توققۇز قەۋەت قىلىپ خۇددى بىر كىچىك مۇنارغا ئوخشاش شەكىلدە تەييارلايدۇ ۋە كىچىك قويدىن ئىككىنى ياساپ، ئۈستىگە قويۇپ قويىدۇ. بۇ چوڭياڭ دېگەن سۆزدىكى «ياڭ» دېگەنگە ئاھاڭداش كېلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپتىكىلەرنىڭ ئادىتى. شىمالىي جۇڭگو تەرەپتىكى كىشىلەر چۇڭياڭ بايرىمىدا قوي گۆشى يەيدۇ، چۈنكى كۈزدە قويلار سەمرىيدۇ، ئۇنى يېسە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ، سوغۇقنى ھەيدىگىلى بولىدۇ، خەنزۇچىدا قوي (羊) بىلەن كۈن (阳) ئاھاڭداش كېلىدۇ. بۇ «كۈزدە سەمرىش» دېيىلىدۇ.
ئېگىزگە چىقىش، چاغان يېمەكلىكى يېيىشلەرنىڭ ھەممىسى «قەدەممۇقەدەم يۇقىرى ئۆرلەش» دېگەن گۈزەل ئارزۇ - تىلەكنى بىلدۈرىدۇ.