UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارئەرۋاھ بايرىمى

ئەرۋاھ بايرىمى

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايراملار ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا ئۆتىدۇ، بىردىنبىر قەمەرىيە7 - ئاينىڭ15 - كۈنىلا قورقۇنچلۇق «ئەرۋاھ بايرىمى» قىلىنغان. چۈنكى، بۇ كۈنى داۋجياۋ دىنىدىكىلەرنىڭ قەمەرىيە7 - ئاينىڭ15 - كۈنى جۇڭيۈەن بايرىمى، شۇنداقلا يەنە بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ «ئۇللامبانا مۇراسىمى» بولۇپ، بۇنىڭدا داۋجياۋ مۇخلىسلىرى دۇرۇت ئوقۇپ، جادۇ قىلىدۇ، بۇددا مۇخلىسلىرى10 تەرەپتىكى ئەرۋاھقا بېغىشلاپ دۇئا قىلىدۇ. داۋجياۋ دىنىدا ئېيتىلىشىچە، قەمەرىيە7 - ئاينىڭ15 - كۈنىدىكى جۇڭيۈەن بايرىمى «زېمىن مۇئەككىلى» نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ كۈنى زېمىن مۇئەككىلى پانىي ئالەمگە كېلىپ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىكەن، شۇڭا راھىبلار قىرائەت قىلىپ زېمىن مۇئەككىلىگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ، دۇئا - تىلاۋەت مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇددا دىنىدىكىلەر بۇ كۈنى بۇددانىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇللامبانا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جىن - ئەرۋاھلارغا نەزىر - چىراغ قىلىدۇ. ئۇللامبانا ئەسلىدە ئەنەتكەك (قەدىمكى ھىندىستان) تىلى بولۇپ، «مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇددا نوملىرىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇددا ساكيامونىنىڭ شاگىرتى مۇليەن ئۆز ئانىسىنىڭ دوزاختا ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بوشلۇققا تەتۈر ئېسىلىپ قالغاندەك ئازاب تارتىپ، ئۆزى يېمەي - ئىچمەي ئاچ ئەرۋاھقا ئايلىنىپ ھېجىردا تاماق توشۇپ ئانىسىنى باققان، ئەمما تاماق ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تېگە - تەگمەي ئوتقا ئايلىنىپ كەتكەن. ساكيامونى مۇليەنگە ھەر يىلى7 - ئاينىڭ15 - كۈنى ھەر خىل تەملىك مېۋىلەرنى پەتنۇسقا سېلىپ،10 تەرەپتىكى ئەرۋاھلارغا تېۋىنسا، نۇرغۇن ئاچ جىنلاردىن خالىي بولۇپ ئاندىن ئانىسىنى قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇليەن ھەممە ئىشنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈرۈپ، ئانىسىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئۆزى كىشتىگەربە شاھىنىڭ دەرمەپالە ئىلاھى بولۇپ كەتكەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە، ئەمما ئىلىم - پەن تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بەزىلىرى فېئوداللىق جەمئىيەتتە پەيدا بولغان ئادەتلەر بولۇپ، دىنىي خۇراپاتلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەرۋاھ بايرىمى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە جىن - ئەرۋاھ دېگەنلەر ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئىلگىرىكى كىشىلەر بەزى ھادىسىلەرگە قارىتا ئىلمىي چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغاچقا، ئاتالمىش جىن - ئەرۋاھلار كېلىپ چىققان ھەمدە بەزى بايراملارغا زورىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۆرپ - ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. كىشىلەر ئېڭىدىكى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئۆرپ - ئادەتلەرمۇ تەدرىجىي يوقىلىپ بارىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار