چوكانتال بايرىمى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
شەمسىيە كالېندارى بويىچە (كۈن كالېندارى)4 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئەتراپىدا چوكانتال بايرىمى بولىدۇ، بۇ چاغ ئىللىق باھار كېلىپ ھەممە مەۋجۇداتلار جانلانغان، چايلارنىڭ ئۇچىنى يىغىۋېلىش باشلانغان، شال تېرىلىدىغان، ئەتىيازلىق پىلە قۇرتى تۇخۇمدىن چىقىۋاتقان، دېھقانچىلىقنىڭ قاتىلاڭچىلىق پەسلى ھېسابلىنىدۇ. چوكانتال بايرىمى يەنە كېلىپ قۇربان بولغان قەھرىمانلار ۋە ئاتا - بوۋىلارنى ياد ئېتىدىغان بايرام. چوكانتال بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى قەدىمكى »شاڭسى« ۋە »سوغۇق تائام بايرىمى« قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىلا3 - ئاينىڭ بېشىدىكى تۇنجى كۈن «شاڭسى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۈنى كىشىلەر سۇ بويىغا بېرىپ نەزىر - چىراغ قىلىدۇ ھەمدە شەرققە قاراپ ئاققان سۇدا بەدەنلىرىنى يۇيىدۇ، شۇنداقلا سۇ بويىدا «بامبۇك تاختا تۇتۇپ ئەرۋاھ چاقىرىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بالايىئاپەتنى قوغلايدۇ، بۇ «نەزىر - چىراغ قىلىپ يوقىتىش» ياكى «نەزىر - چىراغ قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، بۇ خىل پائالىيەت3 - ئاينىڭ3 - كۈنىگە مۇقىملاشقان. بۇنىڭدا يەنە ئېللىپس شەكىللىك، ساپاقلىق تېيىز ياغاچ قاچا ھاراق قاچىسى قىلىنىدۇ، ئۇ جام دەپ ئاتالغان. توشقۇچە ھاراق قۇيۇلغان جام ئېقىن سۇغا لەيلىتىپ قويۇپ بېرىلىدۇ، كىشىلەر سۇ بويىدا تۇرۇپ، جام ئېقىپ ئالدىغا كەلگەندە ئېلىپ ھاراقنى ئىچىۋېتىدۇ. بۇ «ئەگىم سۇدا جام ئاققۇزۇش» دەپ ئاتىلىپ، ئىلگىرىكى «بامبۇك تاختا تۇتۇپ ئەرۋاھ چاقىرىش» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى خەتتات ۋاڭ شىجىننىڭ «لەنتىڭ يىغىلىشىغا مۇقەددىمە» سىدە بۇ خىل مۇراسىم خاتىرىلەنگەن. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن،3 - ئاينىڭ3 - كۈنى كىشىلەر سۇ بويىدا ھاراق زىياپىتى، شەھەر سىرتىدا باھار سەيلىسى قىلىدىغان كۈن بولۇپ قالغان.
سوغۇق تائام بايرىمى چوكانتال بايرىمىدىن ئىككى كۈن بالدۇر كېلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ جيې زىتۈينى خاتىرىلەشتىن كەلگەنىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى جىن بەگلىكىنىڭ بەگزادىسى جۇڭ ئېر چەت بەگلىكلەردە19 يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن، جيې زىتۈي ئۇنىڭغا باشتىن - ئاخىر سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەگىشىپ، زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر قېتىم جۇڭ ئېر ئاچلىقتىن ناھايىتى قىيىنىلىدۇ، بۇ چاغدا جيې زىتۈي ئۆزىنىڭ تېقىمىدىن بىر پارچە گۆشنى كېسىپ ئېلىپ كاۋاپ قىلىپ جۇڭ ئېرغا بېرىدۇ. جۇڭ ئېر بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ. كېيىن جۇڭ ئېر جىن بەگلىكىگە قايتىپ تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، تارىختا جىن ۋېنگۇڭ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى تارتۇقلىغاندا، جيې زىتۈينى ئۇنتۇپ قالىدۇ. جيې زىتۈي ئانىسىنى ئېلىپ تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. جىن ۋېنگۇڭ تاغقا ئوت قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن جيې زىتۈينى تاغدىن چىقىشقا مەجبۇرلاپ ئىنئام ئالغۇزماقچى بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن جيې زىتۈي قەتئىي چىققىلى ئۇنىمايدۇ، بەلكى ئانىسى بىلەن بىللە دەرەخنى قوچاقلاپ تۇرۇپ كۆيۈپ ئۆلىدۇ. كىشىلەر جيې زىتۈينىڭ خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ تەمەننا قويمايدىغان، بايلىق، مەرتىۋىگە بېرىلمەيدىغان پەزىلىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جيې زىتۈي ئۆلگەن كۈننى، ئوت قالاپ تاماق ئەتمەي، پەقەت سوغۇق تاماقلا يەيدىغان كۈن قىلغان. بۇ بىر تارىخىي رىۋايەت، خالاس، ئەمەلىيەتتە ئوت قالاشنى مەنئى قىلىپ، سوغۇق تاماق يېيىش جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بار ئىدى.
چوكانتالدا قەبرە سۈپۈرۈش چىن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بار ئىش بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كەڭ ئومۇملاشقان. شىمالىي جۇڭگو تەرەپتىكىلەر ئاتا - بوۋىلىرىغا نەزىر - چىراغ بېرىشكە، قەبرىلەرنى ياساش - رېمونت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپتىكىلەر قەبرە بېشىغا بېرىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر ئەتراپىدا كۆكلەم سەيلىسى قىلىدۇ. جياڭسۇ، جېجياڭ تەرەپلەردە چوكانتالدا كۆك كۇمىلىچى، قىزىل نېلۇپەر غولى قاتارلىقلارنى سوغۇق تائام ئورنىدا يەيدۇ.
سوغۇق تاماق يېيىش، چوكانتال بايراملىرىدا تەنتەربىيە پائالالىيەتلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، توپ ئويناش قاتارلىقلار بار بولسا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلەڭگۈچ ۋە ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىقلار بولغان، ھەتتا چوكانتال ئىلەڭگۈچ بايرىمى دەپ ئاتالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوشۇن ئىچىدە يەنە سۆگەت ئېتىش مۇسابىقىسى بولغان، بۇنىڭدا ئىچىگە مېخانىزم قاچىلانغان قاپاق ئىچىگە بىر كەپتەرنى كىرگۈزۈپ، ئۇ سۆگەت شېخىغا ئېسىپ قويۇلاتتى، ئوق قاپاققا تەگسە، كەپتەر ئۇچۇپ چىقاتتى، كەپتەرنىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئېگىز - پەسلىكىگە قاراپ يېڭىش - يېڭىلىش بەلگىلىنەتتى.