UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارباھارنى كۈتۈۋېلىپ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش

باھارنى كۈتۈۋېلىپ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار باش باھار24 مەۋسۇمنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمى بولۇپ، شەمسىيە (كۈن كالېندارى) بويىچە2 - ئاينىڭ4 - كۈنلىرى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. قەمەرىيە كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدى - كەينىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، تارىختا ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىغان. ئەمىنىيە دەۋرى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى770 - يىلىدىن476 - يىلىغىچە) دە، باش باھار كۈنى پايتەختنىڭ جەنۇب تەرىپىگە لايدىن ياسالغان يوغان بىر «كالا ھەيكىلى» بىلەن بىر «دېھقان ھەيكىلى» قويۇلىدىكەن، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ئورۇنغا قويۇپ، باھار پەسلى كېلىشنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، لاي كالىنىڭ ئورنىغا تىرىك كالىنى تۇرغۇزىدىغان بولغان. باش باھار كۈنى سەھەردە ناھىيىنىڭ ئامبىلى يىپەك ئورالغان قامچا بىلەن كالىنى ئۈچ قامچا ئۇرىدىكەن، بۇ «باش باھار» دەپ ئاتىلىدىكەن، باش باھار كالىسى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. كىشىلەر بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشنى «باھارنى كۈتۈۋېلىش» دەپ ئاتايدۇ. كېيىن يەنە ئۆزگىرىپ ھۆكۈمەت يېزىلارغا ئادەم ئەۋەتىپ «باھار قوشاقلىرى» نى ئېيتقۇزۇپ، «باھار كالىسىنىڭ سۈرىتى» نى ساتقۇزغان، ئۇلار ئۇچىسىغا ئۇزۇن قىزىل تون، بېشىغا گاز تىكىلگەن شىلەپە كىيگەچكە، «باھار ئەمەلدارى» دەپ ئاتالغان، ئۇلار دۇمباق چېلىپ، باھار ھەققىدە ناخشا ئېيتىپ، خەيرلىك گەپلەرنى قوشاققا قاتاتتى. ئېيتىپ بولغاندىن كېين ھەرقايسى ئائىلىلەر ئازراق گۈرۈچ بېرىشەتتى. بەزى نامرات ئائىلىلەر باھار ئەمەلدارىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ، بىر پۇتى يوق ئورۇندۇق تەييارلاپ ئۇنى ئولتۇرغۇزاتتى، باھار ئامبىلى ئولتۇرۇپ قوشاق ئېيتىپ: «باھار ئەمەلدارىنى كۆرۈپ ئورۇندۇق ئاچىقتى، ئاچىققان ئورۇندۇقى ئۈچ پۇتلۇق، ئەگەر ئەمەلدار سەزمىگەن بولسا، يىقىلىپ كاللىسى يېرىلار ئىدى» دەپ قوشاق قېتىپ، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈۋېتەتتى. يېقىنقى زامانلاردا شەرقىي شىمال رايونىدىكى بەزى جايلاردا «باھار كالىسى ئەكېلىش» ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ئۇ كۈنى ھەرقايسى كەنت - مەھەللىلەردە كىشىلەر قوناق شېخى ۋە رەڭلىك قەغەزلەردىن «باھار كالىسى» ياسايدۇ ۋە تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ياشانغان بىر ئادەمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرلەر باھار كالىسىنى كۆتۈرۈپ، ئاياللار بېشىغا تاۋار - دۇردۇندىن ياسالغان گۈللەرنى تاقاپ، بالىلار ھەر خىل لەگلەكلەرنى ئېلىپ تىزىلىشىپ ئېتىزلىققا بارىدۇ. كۈن چىققاندىن كېيىن، يېتەكچىلىك قىلغۇچى قولىغا قامچا ئېلىپ باھار كالىسىنى قامچىلاپ تۇرۇپ: «بىرىنچى قامچام يامغۇر - يېشىننىڭ ئوبدان بولۇشى ئۈچۈن، ئىككىنچى قامچام يەرلەرنىڭ مۇنبەت، تۇپراقلارنىڭ يۇمشاق بولۇشى ئۈچۈن، ئۈچىنچى قامچام ئۈچ ئەلنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، تۆتىنچى قامچام تۆت پەسىلنىڭ تىنچ - ئامان كېلىشى ئۈچۈن، بەشىنچى قامچام دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، ئالتىنچى قامچام پۈتۈن ئالەمنىڭ باھارغا چۆمۈشى ئۈچۈن» دەپ قوشاق قاتىدۇ. قامچىلاپ بولغاندىن كېيىن، باھار كالىسىنى كۆتۈرۈپ ئېتىز بېشىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ ئاستا ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، بىردەم ماڭغاندىن كېيىن باھار كالىسىنى يەرگە قويۇپ، جوتۇنى ئېلىپ ئۇدۇل جەنۇبقا «خەيرلىك يۇلتۇزى» تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ توپىنى كۈچەپ قېزىپ، بۇ يىللىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئارقىدىن «باھار كالىسى» نى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. قەدىمكى زاماندا باش باھار كۈنى يەنە «باھار تامىقى» يېيىلىدۇ. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە نېپىز قوتۇرماچ، جۈملىدىن ھازىرقى يۆگىمە قوتۇرماچقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قوتۇرماچلارنى يېيىش ئومۇملاشقان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۇقرالار ئىشىك ئالدىغا بىر كۆك رەڭلىك بايراق ئېسىپ قوياتتى ياكى «ئىللىق باھار» دېگەن خەتنى يېزىپ ئىشىك ئالدى ۋە ھويلا - ئارامدىكى تۈۋرۈكلەرگە چاپلاپ قوياتتى. ئاياللار كۆك تاۋارلاردىن قارلىغاچ، كېپىنەكلەرنى قىيىپ بېشىغا تاقىۋالاتتى. بەزىلىرى خېمىر غوزىكى ئېتىپ، گۆش ۋە كۆكتاتلاردىن قىيما قىلىپ خېمىرنىڭ ئىچىگە خەيرلىك سۆزلەر يېزىلغان باغاقچىلارنى تىقىپ قوياتتى، ئۇ «باھار ئىزدەش غوزىكى» دەپ ئاتىلاتتى. ئىلگىرى جياڭسۇ، جېجياڭ تەرەپلەردە يەنە10 كۈن ئويۇن قويۇلىدىكەن، ئۇنى «باھار ئويۇنى» دەپ ئاتايدىكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
باھارنى كۈتۈۋېلىپ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki