UyghurWiki›جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار›قەمەرىيە7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمى ئىككى يۇلتۇزنى تەبرىكلەپ ماھارەت تىلەش
قەمەرىيە7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمى ئىككى يۇلتۇزنى تەبرىكلەپ ماھارەت تىلەش
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاسماندا بىر توقۇمىچى قىز بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ تەڭرى ئانىنىڭ قىز نەۋرىسى ئىكەن، ئۇ ئادەمزات دۇنياسىدىكى پادىچى يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇلار ئىككىسى ئىختىيارىي تويلىشىپ، بىر ئوغۇل، بىر قىزلىق بولۇپ، بەختلىك ياشاپتۇ. تەڭرى ئانا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، توقۇمىچى قىزنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېلىپ، چاچ زىخچىسى بىلەن توقۇمىچى قىز بىلەن پادىچى يىگىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنى سىزىپتىكەن، ئۇ يەر سامانيولىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. پادىچى يىگىت بالىلىرىنى ئېلىپ ئارقىدىن قوغلاپ بېرىپ، سامانيولىدا توسۇلۇپ قېلىپ، توقۇمىچى قىز بىلەن كۆرۈشەلمەپتۇ. كېيىن تەڭرى ئانا ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ، ھەر يىلى7 - ئاينىڭ7 - كۈنى كېچىسى سېغىزخاندىن كۆۋرۈك سېلىپ، ئۇلارنى بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈشنى بەلگىلەپتۇ.
پادىچى يىگىت، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزلىرىنى بىر جۈپ ئەر - خوتۇنغا ئوخشىتىش توغرىسىدىكى ھېكايە غەربىي جۇ سۇلالىسىدىن باشلىنىپ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى مۇكەممەللەشكەن، ئۇ «مېڭ جياڭنۈ»، «ئاق يىلان ھەققىدە رىۋايەت»، «لياڭ شەنبەي بىلەن جۇ يىنتەي» لەر بىلەن قوشۇلۇپ دۆلىتىمىزدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان تۆت چوڭ رىۋايەت دەپ ئاتالغان.
پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھەققىدىكى رىۋايەت كېيىنكى دەۋردە ھەر يىلى7 - ئاينىڭ7 - كۈنى كېچىسى ئاياللار توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىدىن كەشتىچىلىك ۋە تىككۈچىلىك ماھارىتى تىلەيدىغان ئادەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەر يىلى7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمى ھەرقايسى جايلاردىكى قىز - چوكانلار ھەمراھ بولۇشۇپ پادىچى يىگىت، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزلىرىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىدۇ. ئۇلار چاي، ھاراق، مېۋە - چېۋە، لۇڭيەن، چىلان، ئورمان ياڭىقى، خاسىڭ ۋە گازىرلارنى نەزىر - چىراغ يېمەكلىكلىرى قىلىدۇ، يەنە پەردازغا ئىشلىتىلىدىغان گۈل چاڭلىرىنى قويىدۇ. بۇ خىل مۇراسىم «ئىككى يۇلتۇزنى تەبرىكلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسرىق كۆيدۈرۈپ ئىستىقامەت قىلغاندىن كېيىن، نەزىر - چىراغقا ئاتىغان گۈل چېڭىنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تاشلاپ توقۇمىچى قىزغا ئىنئام قىلىدۇ، قالغىنىنى ئۆزى ئىشلىتىدۇ.
ماھارەت تىلەش ئويۇنى7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى قەدىمىي ئويۇن بولۇپ، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئالاھىدە ياسالغان يەتتە تۆشۈكلۈك بىر خىل يىڭنە بولۇپ، ئاياللار ئۇنىڭ تۆشۈكىدىن رەڭلىك يىپنى ئۇياندىن بۇيانغا ئۆتكۈزىدۇ، كىم تېز ئۆتكۈزسە شۇ زېھنى ئۆتكۈر، قولى چېۋەر، يەنى «ماھارەت» تىلىكى ئىجابەت بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىگە كەلگەندە بىر خىل ئاددىي، قۇلايلىق «ماھىرلىق يىڭنىسى تاشلاش» قا ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭدا7 - ئاينىڭ7 - كۈنى چۈشتە بىر قاچا سۇ ئاپتاپقا قويۇلىدۇ، بىردەمدىن كېيىن سۇ يۈزىدە بىر قەۋەت نېپىز پەردە ھاسىل بولىدۇ، بۇ چاغدا كىيىم يىڭنىسى ياكى كەشتە يىڭنىسى سۇ يۈزىگە ئاستا لەيلىتىپ قويۇلىدۇ. يىڭنە قويغان ئايال سۇ ئاستىغا چۈشكەن يىڭنە شولىسىغا قارايدۇ، ئەگەر بۇلۇت، گۈل، قۇش ۋە ھايۋان، شۇنىڭدەك كەش، قايچىلارنىڭ شەكىللىرى كۆرۈنسە، «ماھارەت» تىلىكى ئىجابەت بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يىڭنە شولىسى چوكىدەك توم ياكى سىمدەك ئىنچىكە كۆرۈنسە، ياكى ئەگمەچ، مەلۇم شەكىل ھاسىل قىلالمىغان ھالەتتە كۆرۈنسە، بۇ پەمسىزلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يەنە7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمى كىچىك ئۆمۈچۈك تۇتۇپ كېلىنىپ، كىچىك بىر قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇلىدۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئېچىپ قارىسا، ئۆمۈچۈك تورى يۇمىلاق زىچ توقۇلغان بولسا، «ماھارەت» تىلىكى ئىجابەت بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
كىشىلەرنىڭ پادىچى يىگىت، توقۇمىچى قىزغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ «سېغىزغان كۆۋرۈكىدە ئۇچرىشىشى» غا نەزەر سالغانلىقى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە نۇرغۇن تەسىرلىك پائالىيەتلەر بولغان. بەزى جايلاردا7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئاخشىمى پۈتۈن كەنتتىكى خورازلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن، بۇ خوراز چىللاپ تاڭ خەۋىرىنى بەرمىسە، پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز دائىم بىللە بولۇپ، ئايرىلىپ كەتمەيتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.