مەشئەل بايرىمى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
مەشئەل بايرىمى يىزۇ، بەيزۇ، لىسۇ، لاخۇ، موڭغۇل، ناشى، جىنو قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى. ئۇ يۈننەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە سىچۇەن، گۇيجۇنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان. كۆپىنچە دېھقانلار كالېندارى بويىچە6 - ئاينىڭ24 - كۈنى ياكى25 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە بىرقانچە كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەتتە بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولىدۇ.
بايرام كۈنى سەھەردە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، ئەرلەر ماڭلىيىغا ئۇزۇن كونۇسسىمان قەھرىمانلىق تۈگۈچنى چىقىرىپ ياغلىق تاڭىدۇ، ئاياللار بېشىغا رەخت ياكى ياغلىق يۆگەيدۇ. ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇچىسىغا ئەدىيال ئارتىۋالىدۇ. كەچ كىرگەندە ھەممە ئائىلىلەر مەشئەل يېقىپ ئېتىزلىقلىرىغا بېرىپ، ئېتىزلىقلىرىنى يورۇتىدۇ، يۈننەننىڭ ئەيلاۋ تاغلىق رايونى ۋە دالى تەرەپلىرىدە ھەربىر يىزۇ كەنتىدە كۆپىنچە3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتە يەنە بىر تۈۋرۈك مەشئەل ياسىلىپ، چوڭ مەشئەل دەپ ئاتىلىدۇ ۋە كەنت مەيدانىغا تىكىلىدۇ. ھەرقايسى ئائىلىلەر ئېتىزلىرىغا ئاپارغان مەشئەللىرىنى مۇشۇ چوڭ مەشئەلنىڭ ئەتراپىغا قويىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېتىزنىڭ قىر بېشىلىرىغا سانجىپ قويىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىغا تىكلەپ قويىدۇ.
بايرام كۈنى يەنە بۇقا سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. موڭغۇللار بايرام كۈنى تەڭرىگە نەزىر - چىراغ قىلىپ، خۇدانىڭ رەھمەت قىلىشىنى تىلەيدۇ؛ بالىلار بەش خىل رەڭلىك يىپ باغلاپ، كۆز تېگىشتىن ساقلىنىدۇ. بەزى جايلاردا يىزۇ ئاياللىرى ئوتتىن رەت - رەت ئوت تورى ھاسىل قىلىپ، قولىغا مەشئەل ئېلىپ، ئاي بەيگىسىگە قاتناشقان يىگىتلەرنى سۇنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتكۈزىدۇ. خانىزۇلار مەشئەل ئۈستىگە ھەر خىل مېۋىلەرنى چىگىپ قويىدۇ، ئوت تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن يىپلار ئۈزۈلۈپ، مېۋىلەر يەرگە چۈشىدۇ، كۆپچىلىك تالىشىپ تېرىۋالىدۇ.
ئالاھىدە ۋە قىزىقارلىق بولىدىغىنى «ئوت چېچىش» بايرىمى. يىزۇ رايونىدا كىشىلەر سول قولىدا ئوت يېقىلغان بىر مەشئەلنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، يانچۇقى ياكى بوغچىسىغا ئاسان كۆيىدىغان ئىسرىق پاراشوكىنى لىق قاچىلىۋالىدۇ، قولىدىكى مەشئەلنى تۇيۇقسىزلا باشقىلارغا يېقىن قىلىپ، ئوڭ قولى بىلەن دېۋىرقاي تالقىنى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر سىقىم ئىسرىق پاراشوكنى ئېلىپ، مەشئەل ئۈستىگە چاچىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ پۇتىنىڭ تۈۋىدە ياكى ئارقا تەرىپىدە كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر پارچە نۇر كۆتۈرۈلىدۇ. قارشى تەرەپ ھەم چۆچۈگەن، ھەم خۇشال بولغان ھالدا نۇرنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يوقاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بولغۇچە ئوت چاچقان ئادەم خۇشاللىق ئىلكىدە قېچىپ كېتىدۇ. قارشى تەرەپمۇ قولىغا ئوت يېقىلغان مەشئەلنى ئېلىپ ئۇ كىشىنى قوغلاپ بېرىپ، ئوخشاش ئوت نۇرى بىلەن ئۇنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.
مەشئەل بايرىمى توغرىسىدا رىۋايەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق مۇنداق ئىككى خىل: بىرى، ئاپەتكە قارشى تۇرۇش يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان، پاراسەتلىك ۋە سۇباتلىق بىر ئايال قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىكەن. يەنە بىرى، ئاسماندا بىر ۋەھشىي ئالۋاستى بولۇپ، تەڭرىقۇتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە دائىم كىشىلەر ئارىسىغا كېلىپ تەھدىت سېلىپ، ئاشلىق، پۇل - پۇچەكلەرنى ئېلىپ كېتىدىكەن. يىزۇلارنىڭ قەھرىمانى ئاتىلابا بۇ ئالۋاستى بىلەن توققۇز كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ بېشىدىكى بالايىئاپەتنى يوقىتىدىكەن، تەڭرىقۇت ئاچچىقلىنىپ، ئاسماندىن «قۇرت» چۈشۈرۈپ زىرائەتلەرنى يېگۈزىدىكەن. كىشىلەر مەشئەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ، ئېتىزغا چۈشكەن قۇرتلارنى ئۈچ كېچە - كۈندۈز كۆيدۈرۈپ، زىرائەتلىرىنى قوغداپ قالىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كۈن مەشئەل بايرىمى قىلىنىپ تەبرىكلىنىدىغان بوپتۇ.