UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارسۇ چېچىش بايرىمى

سۇ چېچىش بايرىمى

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار دەيزۇلارنىڭ يېڭى يىلى − سۇ چېچىش بايرىمى، ئادەتتە شەمسىيە (كۈن كالېندارى) بويىچە4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، يەنى دەيزۇ كالېندارى بويىچە6 - ئايغا توغرا كېلىپ، ئۈچ تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ. بىرىنچى كۈنى «ھارپا كۈنى» گە ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى يېڭى يىل كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرىلىقتا بىر ياكى ئىككى «بوش كۈن» قالدۇرۇلىدۇ. ھەر قېتىمقى سۇ چېچىش بايرىمىدا، يۈننەن شىشۇاڭبەننا ۋە دېخۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى، دەيزۇ خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ كاتتا بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. «ھارپا كۈنى» دەريا بويىغا بېرىپ ئەجدىھا شەكىللىك كېمە مۇسابىقىسى كۆرىدۇ. ئۇزۇن كېمىنىڭ ئىككى بېشى چوقچىيىپ تۇرىدۇ، كېمە گىرۋەكلىرىگە چىرايلىق رەسىملەر سىزىلغان، قۇيرۇقى ياغاچ ئويما ئەجدىھا باشلىق قىلىپ ياسالغان. كېمە ھەيدەيدىغان يىگىتلەر بېشىغا قىزىل كىمخاب يۆگىگەن بولۇپ، ئاجايىپ قامەتلىك كۆرۈنىدۇ. كېمە ھەيدەش مۇسابىقىسىدە كەنتلەر بىرلىك قىلىنىدۇ، يەڭگۈچىلەر بىرىنچىلىك بايرىقى ۋە مۇكاپات بۇيۇملىرىغا ئېرىشىدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا يەنە ئاپقۇر - ئاپقۇرلاپ گۈرۈچ ھاراقلىرىنى تۇتۇشىدۇ، سىقىم - سىقىملاپ كەمپۈتلەرنى چاچىدۇ، ماڭلو ۋە پىل تاپىنىسىمان دۇمباققا تەڭكەش قىلىپ، شاد - خۇرام «يىلاخى» ئۇسسۇلىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. «بوش كۈن» ئەڭ تەنتەنىلىك سۇ چېچىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. چۈشتىن ئىلگىرى سائەت10 لار ئەتراپىدا ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى چېلەك، داسلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بازارغا كېلىشىدۇ، يول ياقىسىغا گۈل بەرگىلىرى سېلىنغان نۇرغۇن سۈزۈك سۇ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرىگە ئەتىر ئارىلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. ئەر - ئايال، قېرى - ياش، ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەر، شۇنداقلا ھەرقانداق مىللەت ئايرىماي، كۆپچىلىك ھەممىسى سۇ چېچىشىپ، بىر - بىرىگە بەخت تىلىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق بەختسىزلىك ۋە كېسەلدىن خالىي بولۇشنى، ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيدۇ. سۇ چېچىش يېنىك چېچىش ۋە قاتتىق چېچىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. يېنىك چېچىش چوڭلارغا قارىتىلىدۇ، بۇنىڭدا بىر قوشۇق سۈزۈك سۇنى ئېلىپ، تىلەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ياقىسىنى قايرىپ، سۇنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىنى بويلاپ قۇيىدۇ، سۇ چېچىلغۇچى تىلەكلەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، قېچىپ كەتمەيدۇ. قاتتىق چېچىشنىڭ مۇقىم قائىدىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدا چۆمۈچ، تەلەڭگە، چېلەكلەر بىلەن چاچسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، ئۆزئارا قوغلىشىپ، ئالدىدىن ئۇدۇل چاچسىمۇ، ئارقىدىن چاچسىمۇ بولىدۇ. سۇ چاچقۇچى قارشى تەرەپكە بەخت تىلەشنى، ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى كۆزلەيدۇ؛ سۇ چېچىلغۇچى باشقىلار مېنى يارىتىپتۇ دەپ بىلىپ، ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلىدۇ. كەچ كىرگەندە، كەنت - كەنتلەردە تەنتەنىلىك كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. دەيزۇلار پىل تاپىنىسىمان دۇمباق چېلىپ، ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان توز ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ. كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشتا، كىشىلەر مىللىي ناخشىلارنى ئېيتىشىپ، تېپىشماقلارنى تېپىشىپ، ھەر خىل رەڭدە نۇر چاچىدىغان پوجاڭزىلارنى كۆرۈپ، يېرىم كېچىگىچە ئوينايدۇ. «يېڭى يىل» كۈنى ھەممە يەر ئادەمگە تولۇپ كېتىدۇ. ئەڭ قىزىق پائالىيەت «گاۋشېڭ ئېتىش» ۋە «بولاق تاشلاش» ئويۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. «گاۋشېڭ ئېتىش» دېگىنىمىزدە، بىر تال ئۇزۇن بامبۇك خادىسىنىڭ ئۇچىغا چۆرىدەپ بامبۇك قۇتا تېڭىلىدۇ، بامبۇك قۇتىنىڭ ئىچىگە توشقۇزۇپ مىلتىق دورىسى تىقىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىلغان ھامان پىشىلداپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئويۇن تازا يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، يەنە بىر ئەڭ چوڭ «گاۋشېڭ» نىڭ ئىچىگە بەش خىل نەرسىنى سېلىپ ئاسمانغا ئېتىپ چېچىپ چۈشۈرىدۇ، بۇ نەرسىلەرنى كىم تېپىۋالسا شۇ تەلەيلىك ھېسابلىنىدۇ. «بولاق تاشلاش» ئەزەلدىن يىگىت - قىزلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدا يىگىت - قىزلار ئايرىم - ئايرىم ئىككى رەتكە تىزىلىدۇ، گۈللۈك رەختتىن تىكىلگەن، كەينىگە ئىككى تال پۆپۈك قادالغان بىر بولاقنى يىگىت - قىزلار بىر - بىرىگە ئېتىشىدۇ، بولاق تەگكەن ھەمراھلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ پاراڭلىشىپ شاد - خۇراملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
سۇ چېچىش بايرىمى | UyghurWiki | UyghurWiki