يۈەنشياۋ بايرىمى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
قەمەرىيە كالېندارى بويىچە1 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئاخشىمى يۈەنشياۋ بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ. يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە كوچا - كويلار، ئۆي - ئۆيلەر رەڭگارەڭ پانۇسلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا يەنە پانۇس مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا ئۇ پانۇس بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈەنشياۋ بايرىمىدا يەنە ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياغاچ پۇت ئويۇنى، قولۋاق ھەيدەش ئۇسسۇلى قاتارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، تولىمۇ قىزىپ كېتىدۇ.
قەمەرىيە كالېندارى بويىچە1 - ئاينىڭ15 - كۈنى قەدىمكى زاماندا شاڭيۈەن بايرىمى دەپ ئاتىلاتتى، يۈەنشياۋ بايرىمى دېگىنىمىز دەل شاڭيۈەن بايرىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ1 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئاخشىمى شۇ يىلدىكى تۇنجى تولۇن ئايلىق كېچە دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوردىدا شۇ كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن تارتىپ ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە تەرىقەتچىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىدۇ، شۇڭا كەچتە قائىدىنى بۇزۇپ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزمەي، پۇقرالارنىڭ سەيلە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. پانۇس يېقىپ تەبرىكلەش ئادىتى تاڭ سۇلالىسىدىن باشلانغان، بۇ، بۇددىستلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىن ئۆگەنگەن ئادىتى. ئەسلىدە1 - ئاينىڭ15 - كۈنى كېچىسىلا بايرام بولاتتى، كېيىن14 - كۈنى ۋە16 - كۈنلىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە يەنە17 - كۈنى ۋە18 - كۈنلىرىمۇ قوشۇلغان. تىزىلغان پانۇسلارمۇ بارغانسېرى چىرايلىق، كۆركەم بولۇپ، خىللىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. خان ئائىلىسى تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. تاڭ رۇيزۇڭ دەۋرىدە چاڭئەن ئوردىسىنىڭ شەھەر سىرتىغا ئېگىزلىكى20 جاڭ كېلىدىغان «پانۇس ئاسىدىغان چاق» جازىسى تىكلەنگەن. ئۈستىگە رەڭلىك يىپەك ئورالغان، ئالتۇن، ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن، ئۇنىڭغا50 مىڭ پانۇس ئېسىلغان. خاننىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەرمۇ چوڭ تىپتىكى «پانۇس دەرىخى» ياسىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىناتتى، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش دۇمبىقى چېلىنغان ھامان سىرتقا چىققىلى بولمايتتى، بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىناتتى؛ پەقەت يۈەنشياۋ بايرىمىدىلا پادىشاھ مەنئى قىلىشنى ئۈچ كۈن توختىتىشقا رۇخسەت قىلاتتى، بۇ «كېچىلىك قويۇۋېتىش» دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن ئۆتكەن خانىدانلىقلار مۇشۇنى ئۈلگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كوچا - كويلاردا تاڭ ئاتقۇچە پانۇسلار يېقىلاتتى، ئادەتتە ئۆيىدىن ئاز چىقىدىغان ئاياللارمۇ بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇشۇپ پانۇس سەيلىسىگە چىقىشاتتى. پانۇسلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل پوجاڭزىلار ئېتىلىپ، تۈرلۈك ئويۇنلار كۆرسىتىلەتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ كىشىلەر تېپىشماقلارنى يېزىپ پانۇسلارغا ئېسىپ قويىدىغان، تېپىۋالغانلارنى مۇكاپاتلايدىغان بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنە دراما ۋە ئەلنەغمە ئورۇنداش قوشۇلغان. فېئوداللىق جەمئىيەتتە، بۇ ئاۋام خەلقنىڭ شادلىق كېچىسى بولۇپ قالغان.
يۈەنشياۋ بايرىمىدىكى يېمەكلىكمۇ يۈەنشياۋ (نومى گۈرۈچى ئۇنىدىن ئېتىلگەن، ئىچىگە قىيما ئېلىنغان يۇمىلاق خېمىر تاماق) ياكى تاڭيۈەن دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ تاڭيۈەنلىرىنىڭ تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما جەم بولۇشنىڭ سىمۋوللۇقىنى ئىپادىلەش شەكلى ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بولىدۇ، خۇددى تەيۋەن خەلق تەمسىللىرىدە ئېيتىلغاندەك، «تاڭيۈەن تامىقى جەم بولۇش تامىقى» دۇر.