تاۋۇز چاغىنى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
تاۋۇز چاغىنى، يۈەنشياۋ بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغانلىرى بىرلىكتە ئۈچ چوڭ بايرام دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بايراملار سەل كېيىنرەك پەيدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن بەزىلەر پەشتاقلارغا چىقىپ ياكى قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ ئاي سەيلىسى قىلىدىغان بولغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى سۇڭ تەيزۇڭ (97 -997 ) يىللىرى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە8 - ئاينىڭ15 - كۈنىنى تاۋۇز چاغىنى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ چاغ دەل كۈز ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ئايغا تاۋاپ قىلىش، ئايغا چوقۇنۇش، ئاينى تاماشا قىلىش، شۇنىڭدەك ئايتوقاچ يېيىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن. كىشىلەرمۇ چاڭئېنىڭ ئايغا ئۇچۇشى، ۋۇگاڭنىڭ ئايغا چىقىپ دارچىن كېسىشى دېگەندەك ئايغا ئالاقىدار رىۋايەتلەرنى سۆزلىشىدىغان بولغان.
تاۋۇز چاغىنىدا، كىچىك بالىلارغا توشقانباشلىق ھەيكەل سوۋغا قىلىدىغان ئادەت بار. كونا ئادەت بويىچە8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئايغا تاۋاپ قىلىنىپ، ئاتالمىش «ئاي پادىشاھى» نىڭ تەزىيە تاختىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدۇ، ئۇ «ئاي نومۇرى» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر پارچە قەغەز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇدساتۋا سىياقىدىكى «ئاي پادىشاھى» سىزىلىدۇ، ئاستىغا ئاي ئوردىسى ۋە دورا يانجىۋاتقان ئاي سىزىلىدۇ. كۈجە كۆيدۈرۈلۈپ، چوقۇنۇپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە «ئەرلەر ئايغا تاۋاپ قىلمايدىغان، ئاياللار ئوچاق ئىلاھىغا تاۋاپ قىلمايدىغان» ئادەت بار. بالىلارنى ئانىسى باققاچقا، ئۇلار ئانىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دورايدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئايغا تاۋاپ قىلىشى ئۈچۈن ياسىتىلغان توشقانباشلىق ھەيكەل كېلىپ چىققان.
توشقانباشلىق ھەيكەل مىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئۇ ئاپئاق، يۇمران يۈزلۈك، ئۇچىسىغا ساۋۇت، بېشىغا دۇبۇلغا كىيگەن، سول قولىغا كىچىك ئوغۇر، ئوڭ قولىغا كىچىك رەستە تۇتقان، دۈمبىسىگە كىچىك بايراق سانجىۋالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ مىنىدىغانلىرى شىر، يولۋاس، چىپار بۇغا ياكى تۆگە بولىدۇ، نېلۇپەر بۇت سۇپىسىدا ئولتۇرىدىغانلىرىمۇ بولۇپ، ناھايىتى سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك ۋە جانلىق، بالىلارنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدۇ. تاۋاپقا ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىدۇ.
ئايتوقاچ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بار بولۇپ، ئۇ يالغۇز تاۋۇز چاغىنىنىڭلا يېمەكلىكى ئەمەس ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كىشىلەر تاۋۇز چاغىنىدا ئۆزئارا توقاچ سوۋغا قىلىشىدىغان، بۇ كۈنى چوقۇم ئايتوقاچ يەپ، ئايدەك يۇمىلاق توقاچ ئارقىلىق جەم بولۇشنى سىمۋوللاشتۇرىدىغان بولدى. تاۋۇز چاغىنى كۈنى ئائىلىدىكى قېرىنداشلاردىن بىرەرسى سىرتتا بولۇپ قېلىپ، ئۆيگە قايتىپ كېلەلمىسە، ئايتوقاچنى تەقسىملىگەندە ئۇنىڭغا بىر ئۈلۈش قالدۇرۇپ قويۇلاتتى.