UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارلىسۇ مىللىتىنىڭ پىچاقلىق تۈۋرۈك بايرىمى

لىسۇ مىللىتىنىڭ پىچاقلىق تۈۋرۈك بايرىمى

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار دېھقانلار كالېندارى بويىچە2 - ئاينىڭ8 - كۈنى پىچاقلىق تۈۋرۈك بايرىمى بولۇپ، بۇ لىسۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ لىسۇ تىلىدا «ئاتاڭدې» دەپ ئاتىلىپ، پىچاقلىق تۈۋرۈككە يامىشىپ چىقىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پىچاقلىق تۈۋرۈك بايرىمى ئاخشىمى داقا - دۇمباقلار ياڭراپ، پىچاقلىق تۈۋرۈك تىكىلگەن مەيداندا بىرقانچە چوڭ گۈلخان يېقىلىدۇ. بىرقانچە يىگىت يالاڭ ئاياغ ھالەتتە ئوت ئارىلىقلىرىدا بەزىدە تاقلىسا، بەزىدە ئولتۇرىدۇ، ھەتتا بەزىدە دومىلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار سەكرىگەندە پۇتلىرىدىن سانسىزلىغان ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرىدۇ. ئۇلار يەنە ئىككى قولى بىلەن كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئوچۇملاپ ئېلىپ يۈزىگە تەگكۈزۈپ، ئوت بىلەن يۈزىنى «يۇيىدۇ»، يۇپيۇمىلاق ئوت شارچىسى يۈزىگە سۈركىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلمايدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە نۇرغۇن ئەرلەر چىملىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا «پىچاق تۈۋرۈك» نى باغلايدۇ.20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى تال دەرەخ غولىنى جۈپلەپ تىكلەيدۇ، ئوتتۇرىسىغا36 دانە ئۇزۇن ئۆتكۈر پىچاقنى توغرا توسۇق قىلىپ بىسىنى ئۈستىگە قارىتىپ باغلايدۇ. ئالقىش ساداسى ئىچىدە، «ئوت دېڭىزى» غا چۈشكەن ھېلىقى ئەزىمەتلەر ئۇچىسىغا ئۇزۇن قىزىل پەرىجە، بېشىغا كۆك بۆك كىيىپ، پىچاقلىق تۈۋرۈك تۈۋىگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ پىچاق بىسىنى دەسسەپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۈۋرۈككە يامىشىپ چىقىدۇ، ئىككى قولى بىلەن ئۈستىگە توسۇق قىلىنغان پىچاق بىسلىرىنى چىڭ تۇتقىنىچە تۈۋرۈكنىڭ چوققىسىغا چىقىدۇ. پىچاق تۈۋرۈك بايرىمى توغرىسىدىكى رىۋايەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. لۇچۇەننىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى چەت ئەل قاراقچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى بۆلۈۋالماقچى بولغاندا، ھەربىي قىسىم دىۋانبېگى ۋاڭ جى بۇيرۇقنى ئېلىپ لۇچۈەنگە ئۈچ قېتىم جازا يۈرۈشى قىلغان، جەڭدە لىسۇ مىللىتىدىن بولغان قوماندان ۋە جەڭچىلەر دۈشمەننى قەھرىمانلارچە قىرغان، ئاخىر توپىلاڭنى بېسىقتۇرغان. ۋاڭ دىۋانبېگى گەرچە خەنزۇ بولسىمۇ، لىسۇ قېرىنداشلارنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلغان، لىسۇ مىللىتىنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرلىرىنى مۇقىملاپ بەرگەن، ئورمانلارغا قاراتقان، مال باقتۇرغان، ئوزۇق - تۈلۈك، كىيىم - كېچەككە ئىگە قىلغان. چېگرا رايوننى قوغداش ئۈچۈن يەنە لىسۇ مىللىتىدىن بولغان ئەرلەر ئىچىدىن چېگرا ساقلايدىغان ئادەملەرنى تاللاپ ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرغان. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مۇناپىق ۋەزىر ۋاڭ جىغا چېگرىدا ئۆز ئالدىغا قوشۇن توپلاپ، خانىدانلىققا ئاسىيلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ تۆھمەت چاپلىغان، خان بۇ تۆھمەتكە ئىشىنىپ، ۋاڭ دىۋانبېگىنى بېيجىڭغا چاقىرتىپ كېلىپ،2 - ئاينىڭ8 - كۈنى ئۇنىڭغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لىسۇ قېرىنداشلار ۋاڭ جىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن،2 - ئاينىڭ8 - كۈنىنى پىچاقلىق تۈۋرۈك بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار