نادام
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
ھەر يىلى ياز - كۈز ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نادام چوڭ يىغىلىشى موڭغۇل خەلقىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا بايرىمى.
«نادام» موڭغۇلچە كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يىغىلىشتا خەتەرلىك ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئات بەيگىسى، ئاتقا سالما تاشلاش، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان شاھمات ماھارىتى، گۈزەل، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ناخشا - ئۇسسۇللار، شۇنىڭدەك يېنىك ئاتلېتىكا، ئارغامچا تارتىشىش، ۋاسكېتبول قاتارلىق پائالىيەتلەر ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى كۆرسىتىلىدۇ. بايرام يېتىپ كەلگەن ھامان موڭغۇل، خەنزۇ، خۇيزۇ، داغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى، ئەر - ئايال، قېرى - ياشلار دېگۈدەك ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، ئاتلىرىغا مىنىشىپ، بايراملىق كاتتا كىيىملىرىنى كىيىشىپ، تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە تاماشا كۆرىدۇ.
موڭغۇللار چېلىشىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. يۈەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىڭگىزخان چېلىشىشنى سەركەردە ۋە لەشكەرلەرنى سىناشنىڭ مۇھىم تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، خەلق ئارىسىدىمۇ چېلىشىش ئەرلەر ئىگىلەشكە تېگىشلىك «ئۈچ ماھارەت» (ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش)نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، چېلىشىش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، كەڭ ئومۇملاشقان تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئايلانغان.
نادام يىغىلىشىدا رەسمىي چېلىشىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق بولىدۇ، قاتناشقۇچىلار ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، جىلىتكىسى بىرقانچە قات كاناپ ياكى خۇرۇمدىن تىكىلىپ، پارقىراق كۈمۈش مىخ ۋە پولات مىخلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ؛ ئاستى تەرىپىگە ئۈچ خىل رەڭلىك قىسقا يوپكا، گۈل ئىشلەنگەن گەلەپى شىم ۋە ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك كىيىپ، چېلىشىش ئۇسسۇلى ئويناپ، چېلىشىش ناخشىسى ئېيتىدۇ، مەيدانغا چۈشكەن ھامان ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. قائىدە بويىچە، تىزنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق بىر جاي يەرگە تېگىپ كەتسىلا يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ. چېلىشچىلار ھەربىر قېتىم يەڭگەندە، مەيدىسىگە بىر تال رەڭلىك لېنتا ئارتىپ قويۇلىدۇ. پۈتۈن خوشۇن (ناھىيىگە تەڭ) بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر پالۋان، چېلىشچى، «نارچىن» (باتۇر، چەبدەس بۇركۈت دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدۇ؛ چېمپىيون بولغۇچى «ئاۋىرغۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. داڭلىق چېلىشچىلار ئامما ئارىسىدا ناھايىتى زور ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
نادام يىغىلىشىدا يەنە تاللانغان ناخشا - ئۇسسۇللار، كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان مەدداھلىق، شۇنىڭدەك شۇلەيباۋ (خەنزۇ ئەلنەغمىلىرىنىڭ بىر خىلى) قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدۇ. موڭغۇل تىلىدا مەدداھلىق قىلغاندا، ئات باشلىق غېجەك ياكى تۆت تارلىق غېجەك قاتارلىق سازلار تەڭكەش قىلىنىپ، ھېكايە ياكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى قوشاققا قوشۇپ ئېيتىلىدۇ. شۇلەيباۋنىڭ تېكىستىنى ھەمىشە ناخشا ئېيتقۇچى ئۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن توقۇپ چىقىپ (تۆت تارلىق غېجەك)نى ئۆزى چېلىپ ئېيتىدۇ. ئىككى كىشىلىك شۇلەيباۋنى ئىككى كىشى بىر ئاھاڭدا ئۆزئارا ئېيتىشىدۇ، ئۇ سوئال - جاۋاب شەكلىدە ۋە تالاش - تارتىش شەكلىدە ئېيتىلىپ، كىشىگە گويا كىگىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
60 ياش ۋە12 مۈچەل
كىشىلەر ھەمىشە ياشنى مۈچەل ئارقىلىق خاتىرىلەيدۇ. بۇ خىل مۈچەلنىڭ كېلىپ چىقىشى (بۇرج ۋە مۈچەل) يىل ھېسابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
قەدىمكىلەر ھەمىشە مۈچەل ئارقىلىق يىل ھېسابلايتتى، ئاي، كۈن، ۋاقىتنىمۇ شۇنىڭ بىلەن ھېسابلايتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا يىل ھېسابلاشتىكى زور كەشپىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئىجادىيىتى. گەنجى − بۇرج بىلەن مۈچەلنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. 甲 (جيا) (بىرىنچى بۇرج)، 已 (يى) (ئىككىنچى بۇرج)، 丙 (بىڭ) (ئۈچىنچى بۇرج)، 丁 (دىڭ) (تۆتىنچى بۇرج)، 戌 (ۋۇ) (بەشىنچى بۇرج)، 已 (جى) (ئالتىنچى بۇرج)، 庚 (گېڭ) (يەتتىنچى بۇرج)، 辛 (شىن) (سەككىزىنچى بۇرچ) 壬 (رېن) (توققۇزىنچى بۇرج) 癸 (گۇي) (ئونىنچى بۇرج) بۇرج (10 بۇرجـنىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىدۇ. مۈچەل12 بولۇپ، بۇلار: 子 (زى، چاشقان يىلى)، 扭 (چۈ، كالا يىلى)، 寅(يىن، يولۋاس يىلى)، 卯 (ماۋ، توشقان يىلى)، 辰 (چېن، ئەجدىھا يىلى)، 巳 (سى، يىلان يىلى)، 午 (ۋۇ، ئات يىلى)، 未 (ۋېي، قوي يىلى)، 申 (شېن، مايمۇن يىلى)، 酉 (يۇ، توخۇ يىلى)، 戌 (شۈ، ئىت يىلى)، 亥 (خەي، چوشقا يىلى) لار، مۈچەل (12 مۈچەل) دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇرج ۋە مۈچەللەرنى تەرتىپى بويىچە بىرلەشتۈرسە60 يىلدا بىر دەۋر قىلىدۇ، يىل ھېسابلاشتا قوللىنىلىدۇ، بۇ مۈچەلنىڭ ئاتمىشلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇرج ۋە مۈچەللەرگە نېمە ئۈچۈن يۇقىرىدىكى خەتلەر ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كىشىلەر نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تېخى ھازىرغىچە مۇقىم جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. بۇ ھەقتە نۇرغۇن قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈشلەر بار، مەسىلەن، بىر خىل قاراشتا ئېيتىلىشىچە، بۇرجتا قوللىنىلغان10 خەتتە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈش جەريانى ئىپادىلەنگەن دېيىلىدۇ: يەنى جيا (甲) ئۇرۇقنىڭ بىخلانغىنىغا ئوخشايدۇ؛ يى (乙) ئۈنۈپ چىققان يۇمران مايسا؛ بىڭ (丙) زىرائەتنىڭ غولى بولۇپ، غولنىڭ ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ دىڭ (丁) ئۈنۈپ چىققان شاخلار؛ ۋۇ (戌) باراقسانلىق بولۇپ، شاخ - يوپۇرماقلارنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ جى (已 ) شاخ، غوللارنىڭ چىڭ ئۆسكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ گېڭ (庚) زىرائەتلەرنىڭ غۇنچە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ شىن (辛) بىر خىل خۇش پۇراق بولۇپ، زىرائەتلەرنىڭ چېچەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ رېن (壬) ئۇرۇقلىنىش بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ گۈي (癸) يىغىش بولۇپ، زىرائەتلەرنى يىغىپ، ئاشلىق ئېلىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش قەدىمكىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئېلىمىزدە بۇرج ۋە مۈچەل بويىچە يىل ھېسابلاش شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قوللىنىلىپ، يېقىنقى زامانغىچە داۋاملاشقان. شۇڭا، نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر بۇرج - مۈچەل (گەنجى) يىل ھېسابى بويىچە خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، جياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشى، شىنخەي ئىنقىلابى، ۋەھاكازالار.12
مۈچەل كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان يىلىدىكى مۈچەل بولۇپ،12 خىل ھايۋان بىلەن12 مۈچەل تەڭشەلگەن، ھەر12 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: چاشقان يىلى، كالا يىلى، يولۋاس يىلى، توشقان يىلى، ئەجدىھا يىلى، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى، ئىت يىلى، چوشقا يىلى. بۇ خەلق ئىچىدىكى ياش ھېسابلاش ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەجدىھا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى قۇتلۇق ھايۋان بولغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ھايۋانلار.
بەزىلەر،12 مۈچەل ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجاد قىلغان ھايۋانلار ئارقىلىق يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى، ئۇ خەنزۇلارنىڭ بۇرج - مۈچەل (گەنجى) بويىچە يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە، خەلق ئىچىدە12 مۈچەل ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. يەنە بەزىلەر، ئۇ تېخىمۇ قەدىمكى ۋاقىتلاردىكى توتېملارغا چوقۇنۇشتىن پەيدا بولغان، دەپ قارايدۇ.12
مۈچەلنىڭ بارلىققا كېلىشى قەدىمكى زاماندىكى خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە كەڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر خىل پەرھىز تۇتۇشلار كېلىپ چىققان. مەسىلەن، ئەر - ئاياللار تويلىشىدىغان چاغدا، ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لايىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە پال ئاچتۇرىدۇ، ھەتتا مۈچىلىنىڭ (تۇغۇلغان يىلىنىڭ) بىر - بىرىگە لايىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىنى بەلگىلەيدۇ. قانداقتۇر «يىلان يىللىق بىلەن يولۋاس يىللىق توي قىلسا ئېلىشىپ ئۆتەر، توشقان يىللىق ئەجدىھا يىللىقنى كۆرسە كۆز يېشى قىلار» دېگەندەك گەپلەر بار. ئەمەلىيەتتە، مۈچەل پەقەت ياشنىڭلا سىمۋولى، ئەگەر يىلان يىللىق بىلەن يولۋاس يىللىق توي قىلالمايدۇ دېيىلسە، پالانى ياشتىكى ئەر بىلەن پۆكۈنى ياشتىكى خوتۇن توي قىلسا بولمايدۇ دېگەندەك بىر ئىش بولىدۇ، بۇنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق.