قىشلىق كۈن - تۈن توختاش بايرىمى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرلىرىدىلا، كىشىلەر قۇياش سائىتىدىن پايدىلىنىپ قۇياشنى كۆزىتىپ، ئالدى بىلەن ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش، يازلىق كۈن - تۈن توختاش، كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش، قىشلىق كۈن - تۈن توختاشتىن ئىبارەت تۆت مەۋسۇمنى بېكىتكەن، كېيىن تەدرىجىي24 مەۋسۇم پەيدا بولغان. قىشلىق كۈن - تۈن توختاش شەمسىيە12 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا دۆلىتىمىز يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم قىسمىدا تۇرغان بولىدۇ، قىشلىق كۈن - تۈن توختىغان بۇ كۈنى كۈندۈزى ئەڭ قىسقا، كېچىسى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.
«قىش چىللىدىن باشلىنىدۇ»، قىشلىق كۈن - تۈن توختىغاندىن باشلاپ توققۇز يەردە توققۇز كۈن، يەنى81 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىش تۈگەپ باھار كېلىدۇ. ھەرقايسى جايلاردا دېگۈدەك «چىللە قوشىقى» تارقالغان: «بىرىنچى، ئىككىنچى چىللىدە قولنى چىقارغىلى بولماس؛ ئۈچىنچى، تۆتىنچى چىللىدە ئىت - مۈشۈك ئۆلۈر؛ بەشىنچى، ئالتىنچى چىللىدە ئۆستەڭ بويلىرىغا تال تىكىلۇر؛ يەتتىنچى چىللىدە دەريالاردا سۇ ئاقار، سەككىزىنچى چىللىدە ياۋا غازلار كېلۇر؛ توققۇزىنچى چىللىدە قىش تۈگەپ، ھاۋا ئىللىپ گۈللەر ئېچىلۇر.» چىللە كىرگەندىن كېيىنكى كۈنلەرنى قەدىمكىلەر خەتنىڭ ئۈستىگە بوياپ سىزىپ ھېسابلاش ئادىتى بار ئىدى. «ھويلا ئالدىدا يۇمران سۆگەت تال قەدىرلىك باھار شامىلىنى كۈتمەكتە» دېگەن بىر مىسرا قوشاق بولۇپ، بۇ مىسرادا توققۇز خەنزۇچە خەت بار، ھەربىر خەت كونىچە يېزىلىشىدا توققۇز سىزىقتا يېزىلىدۇ، كىشىلەر ھەر كۈنى بىر خەتنىڭ بىر سىزىقىنى سىزىدۇ ۋە ھەممىسىنى ئۈستىدىن سىزىپ بولغاندا دەل81 كۈن بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، «توققۇز چىللە تۈگىسە قىشمۇ تۈگەپ گۈللەر ئېچىلىدۇ»، باھار كېلىدۇ.
ئېلىمىز يىن، جۇ سۇلالىلىرىدىن تارتىپ چىن سۇلالىسىگىچە قىشلىق كۈن - تۈن توختاش يىل بېشى قىلىنىپ، «كىچىك چاغان» دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسىدە قىشلىق كۈن - تۈن توختاش قىشلىق كۈن - تۈن توختاش مەۋسۇمى قىلىنىپ، ھۆكۈمەت تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن ۋە «قىشنى تەبرىكلەش» دەپ ئاتىلىپ، دەم ئېلىش ئادىتى شەكىللەنگەن، ۋېي، جىن قاتارلىق ئالتە سۇلالە دەۋرىدە «كەنجى يىل» دەپ ئاتالغان، كىشىلەر بۇ كۈنى ئاتا - ئانىلىرىنى، ئۇستازلىرىنى يوقلىغان، سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىن قىشلىق كۈن - تۈن توختاش ئاتا - بوۋىلىرىغا نەزىر بېرىدىغان كۈن بولۇپ قالغان، پادىشاھ بۇ كۈنى شەھەر سىرتىغا بېرىپ تەڭرىگە نەزىر - چىراغ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. تا ھازىرغىچە، خەلق ئىچىدە «قىشلىق كۈن - تۈن توختاش چوڭ بايرامغا ئوخشايدۇ» دېگەن سۆز بار.
تەيۋەن ئۆلكىسىدە، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ روھىغا نەزىر - چىراغ قىلىدىغان بايرام قىلىنىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتا، «قىشلىق كۈن - تۈن توختىغاندا چۆچۈرە، يازلىق كۈن - تۈن توختىغاندا ئۈگرە ئاش» دېگەن ماقال بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا قىشلىق كۈن - تۈن توختىغاندا چۆچۈرە ئىچىدۇ. غەربىي شىمال تەرەپلەردە جۇۋاۋا يەيدۇ، جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپلەردە تاڭيۈەن ئىچىش ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ جەم بولغانلىقىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. شەنشىدە قىزىل پۇرچاق ئېشى ئىچىدۇ.