تاڭزۇڭزا چاغىنى
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
«5 - ئاينىڭ5 - كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنى، تولىدۇ ئۆيگە ئەمەن پۇرىقى، شېكەر سېپىدۇ كىشىلەر زۇڭزا يېگەندە. ئۈزسە سۇدا ئەجدىھا شەكىللىك قولۋىقى شادلىنار ھەممە.» بۇ قوشاقتا تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى ئادەتلەر بايان قىلىنغان.
ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، تاڭزۇڭزا يېيىش تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى ئاساسلىق پائالىيەتلەر ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى ئەل - ئاۋامنىڭ غېمىدە ئۆزىنى لۇجياڭ دەرياسىغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغان چۇ بەگلىكىدىكى شائىر چۈي يۈەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن؛ چۈي يۈەننىڭ جەسىتىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن دەرياغا تاڭزۇڭزا تاشلاپ بېلىق، سۇ ئەجدىھاسى، راك، قىسقۇچپاقىلارنى تويغۇزۇش كېرەك ئىكەن. ئالىم ۋېن يىدۇنىڭ قارىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى ئەجدىھا بايرىمى بولۇپ،4 −5 بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەجدىھا ئىلاھىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن بۇ ئادەت تەدرىجىي شىمالىي جۇڭگو تەرەپكە تارقالغان.
تاڭزۇڭزا چاغىنى قەمەرىيە5 - ئاينىڭ5 - كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۇرغۇن ئادەتلەرمۇ «بەش» دېگەن سان بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، قارا بەش خىل رەڭلىك مەشۇت يىپ بالىلارنىڭ بوينىغا، قولىنىڭ بېغىشىغا ۋە پۇتىنىڭ ئوشۇقىغا يۆگەپ باغلاپ قويۇلىدۇ، بۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يىپى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەممە ئائىلىلەر ئىشىك بېشىغا بەش نەرسىنى، يەنى ئېگىر، ئەمەن، ئانار گۈلى، سامساق، جۇڭگو ئىكسورا گۈلى (قىزىل گۈلسامساق)نى سانجىپ قويىدۇ ياكى ئېسىپ قويىدۇ.
گۇاڭدۇڭنىڭ ئادىتىدە، تاڭزۇڭزا بايرىمىدا ھويلىغا ياغاچ داس قويۇپ، ئىچىگە ئەمەن، ئېگىر، خېنىگۈل، ماگنولىيە گۈلى قاتارلىقلارنى چىلاپ قويىدۇ، كۈن چۈش بولاي دېگەندە ئانىسى بالىلىرىنى داسقا سېلىپ، گۈل - گىياھ سۈيى بىلەن بالىنىڭ بېشى، بەدەنلىرىنى ھۆلدەپ تۇرۇپ: «ئەمەن، ئېگىردە بەدەن يۇيسا، كېسەلگە شىپا!» دەپ ئوقۇيدۇ.
جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپتە تاڭزۇڭزا چاغىنى ئۆتكۈزگەندە يەنە سېرىق دەپ ئاتىلىدىغان بەش نەرسىنى، يەنى سېرىق بېلىق، تەرخەمەك، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ سېرىقى، سېرىق پۇرچاقنىڭ گۈل بەرگىدە تۈگۈلگەن تاڭزۇڭزا ۋە زەرنىخ ھارىقىنى ئىستېمال قىلىدۇ. مەيلى جەنۇبىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگودا بولسۇن، بۇ كۈنى بالىلارنىڭ ماڭلىيىغا زەرنىخ (شيۇڭخۇاڭ) بىلەن خەنزۇچە ۋاڭ (王) خېتى يېزىپ قويۇلىدۇ ياكى قۇلىقىنىڭ ئىچىگە زەرنىخ سۈرۈپ قويۇلىدۇ؛ بالىلارنىڭ بوينىغا ئىچىگە خۇش پۇراق دورىلار سېلىنغان رەڭلىك خالتا ئېسىپ، بەش زەھەرنى قوغلايدۇ.
تاڭزۇڭزا چاغىنى يازلىق كۈن - تۈن توختاشنىڭ ئالدى - كەينىدە كېلىپ، ھاۋا تەدرىجىي ئىسسىيدىغان بولغاچقا، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى ئادەتلەر ئەسلىدە زەھەرنى يوقىتىپ، ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.