ئۈچىنچى ئايدا بايرام كۆپ
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
3 - ئاي نۇرغۇن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بايراملىرى كەينى - كەينىدىن كېلىپ، بارچە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باھار پەسلىگە ئوخشاش بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ «3 - مارت» ئەڭ جانلىنىپ كېتىدۇ.
گۇاڭشىدىكى جۇاڭزۇلار «3 - مارت» داغدۇغىلىق «ناخشا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر نومى گۈرۈچى ئۇنىدىن بەش خىل رەڭلىك تائام ۋە قىزىل تۇخۇملارنى تەييارلاپ، ئەجدادلىرىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. كاتتا ياسانغان ئوغۇل - قىزلار كۈن بويى ناخشا ئېيتىشىدۇ، ئۇنىڭدا مۇھەببەت ناخشىلىرى، تەخسە ناخشىلىرى، ھېكايىلىك ناخشىلار بار. مۇھەببەت ناخشىسى ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن باشلاپ تاكى ئىككى تەرەپ ئايرىلغۇسى كەلمىگەنگە قەدەر ئېيتىلىدۇ. تەخسە ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، يۇقىرىسى ئاسترونومىيىدىن تۆۋىنى جۇغراپىيىگىچە چېتىلىپ، سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئېيتىلىدۇ، بۇنىڭدا مول بىلىم ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى بولغاندىلا ئاندىن يەڭگىلى بولىدۇ.
گۇيجۇنىڭ باۋجىڭ كەنتىدىكى دۇڭزۇلار3 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن5 - كۈنىگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىجتىمائىي ئالاقە ئويۇن - تاماشا پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ، ئەمما يەنىلا «3 - مارت» يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ كۈنى بەييەن كەنتىدىكى دۇڭزۇلار ھۆرمەت توپى ئېتىپ بەلگە بېرىپ، چىرايلىق ياسانغان ئەر - ئاياللار نەي چېلىپ يول باشلاپ، باۋجىڭ كەنتىگە مېھمان بولۇپ كېلىدۇ، ساھىبخانلار ئوخشاش قائىدە - يوسۇن بويىچە مېھمانلارنى قارشى ئېلىپ، بىرلىكتە «مېھمان كۈتۈش ناخشىسى» نى ئېيتىدۇ. مېھمانلارمۇ ئوخشاش ئاھاڭدا جاۋابەن ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇلاپلا پۈتكۈل باۋجىڭ قورۇقى رايونىدىكى دۇڭزۇ، مياۋزۇ قېرىنداشلار بىرلىكتە كەنتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان نەي مەيدانىغا يىغىلىپ چەمبەر شەكلىدە بىرنەچچە ئايلانما بولۇشۇپ، بىرقانچە يۈز كىشى تەڭلا «دۇمباق ئۇسسۇلى» ئوينايدۇ. قىزلار تۆتتىن بەشتىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر ئۆينىڭ راۋىقىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيتىدۇ، بۇ قىزلارنىڭ يىگىتلىرىمۇ تۆتتىن بەشتىن بولۇشۇپ، بۇ راۋاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىزلارغا قارىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئىككى تەرەپ تاختاي تامنى چېگرا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشكە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ساپ ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىشى يۈكسەك دەرىجىگە يېتىدۇ.
«3 - مارت» يەنە يىزۇ، لىزۇ ۋە بۇيىزۇلارنىڭمۇ ئەنئەنىۋى بايرىمى. خەينەنداۋدىكى لىزۇلار بۇ كۈنى جەم بولۇشۇپ، مول ھوسۇلنى ئالدىن تەبرىكلىشىدۇ. يىزۇلار بۇ كۈنى دەريا بويىغا يىغىلىپ ھاراق تۇتۇش ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ، ئوغۇل - قىزلار ئۆزلىرىگە جورا ئىزدىشىدۇ. ئىلگىرى بۇيىزۇلار ھەرقايسى كەنتلەردە چوشقا، كالا سويۇپ، ئوچاق ئىلاھى، تاغ ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ قىلاتتى ھەم كەنتنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ ئالۋاستىنى قوغلايتتى، بۇ ئادەت ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
داڭلىق «مارت بازىرى» بەيزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يىغىلىشىدىغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى3 - ئاينىڭ15 - كۈنىدىن20 - كۈنى ئەتراپىغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىلىش ۋاقتى ئادەتتە بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە يۈننەن دالى ئوبلاستىدىكى بەيزۇلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يىزۇ، زاڭزۇ، ناشىزۇ، لىسۇزۇ، نۇزۇ، خەنزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بايراملىق كاتتا كىيىنىپ، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، تاغ ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى، دورا ماتېرىياللىرىنى ۋە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىشىپ، دالىنىڭ غەربىدىكى يېشىل تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان مەيدانغا يىغىلىپ ماددىي ئەشيالار يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىشىش، ئۇسسۇل ئويناش، ئوقيا ئېتىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا بىر بەيزۇ ئايال ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە ئاسمان ئوردىسىغا بېرىپ «ئاي يىغىلىشى» غا قاتنىشىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «ئاي يىغىلىشى» غا تەقلىد قىلىپ «مارت بازىرى» نى قۇرغانىكەن. بۇددا دىنى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئىش باشقىچە رىۋايەت قىلىنغان. يەنى دالى ئىبلىس راكشەسەنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، خەلق ناھايىتى ئازاب چەككەن. كېيىن ئاۋالوكتىسې سۋارا (ئەۋەلوكىتېشۋەرە) ئىبلىس راكشەسەنى تىزگىنلىگەن، شۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالار خاتىرجەم كۈن كەچۈرگەن. شۇڭا، «مارت بازىرى» «ئاۋالوكتىسې سۋارا بايرىمى» دەپمۇ ئاتالغان.