يازلىق توققۇز چىللە
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
يازلىق كۈن - تۈن توختاش تومۇزنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەتتە شەمسىيە (ئاي كالېندارى)6 - ئاينىڭ21 - كۈنلىرى ئەتراپىدا بولىدۇ. دۆلىتىمىز شىمالىي يېرىم شارغا جايلاشقانلىقتىن، يازلىق كۈن - تۈن توختىغان كۈنى كۈندۈزى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.
يازلىق كۈن - تۈن توختاش قىشلىق كۈن - تۈن توختاشقا ئوخشاشلا قەدىمكى بايراملارنىڭ بىرى؛ تاۋۇز چاغىنى، چۇڭياڭ بايرىمى (قەمەرىيە9 - ئاينىڭ9 - كۈنى ئېگىزگە چىقىش بايرىمى) قاتارلىقلار بارلىققا كەلمىگەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا، كىشىلەر يازلىق كۈن - تۈن توختاش بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن. بىراق يازلىق كۈن - تۈن توختاش بايرىمى قىشلىق كۈن - تۈن توختاش بايرىمىدەك تەنتەنىلىك بولمايدۇ، ئاساسلىق سەۋەب ياز پەسلىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولىدۇ. شۇڭا، دېھقانلار ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىدۇ، پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. دېھقانلار يازلىق كۈن - تۈن توختىغان كۈنى جۇخارگۈل يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بۇغدايغا چاچىدۇ، شۇنداق قىلغاندا، بۇغدايغا تېگىدىغان كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. دېھقانلار مۇشۇ ۋاقىتتا يامغۇر يېغىپ ھوسۇلغا تەسىر يېتىشىدىن، ھەتتا سۇ ئاپىتى بولۇپ قېلىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا، يازلىق كۈن - تۈن توختىغان چاغدا سەت گەپلەرنى ئېغىزغا ئالمايدۇ، چېچىنى چۈشۈرگۈزمەيدۇ. بۇ پەرھىزلەر قەدىمكى زاماندا دېھقانلارنىڭ تەبىئەتكە تايىنىپ جان بېقىشتىكى پسىخىكىلىق ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
تاڭزۇڭزا، كۆك پۇرچاق تورتى ۋە ئۈگرىلەر يازلىق كۈن - تۈن توختىغان چاغدىكى پەسىللىك يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. كۆك پۇرچاق سوغۇقلۇق يېمەكلىك بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يازلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە، «ئىسسىق تومۇزدا بولۇر» دېگەن گەپ بار. تومۇز ئادەتتە7 -،8 - ئايلاردا بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
بەزى جايلاردا يەنە «يازلىق توققۇز چىللە» ئادىتى ئومۇملاشقان. «يازلىق توققۇز چىللە» دېگىنىمىز، يازلىق كۈن - تۈن توختىغاندىن كېيىنكى81 كۈننى توققۇز باسقۇچقا بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىر باسقۇچ توققۇز كۈن بولىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «يازلىق توققۇز چىللە ناخشىسى» بولغان، يەنى «بىرىنچى، ئىككىنچى چىللىدە يەلپۈگۈچ قولدىن چۈشمەس، ئۈچىنچى چىللە27 كۈن، چاي ئىچسە ھەسەل تېتۇر. تۆتىنچى چىللە36 كۈن، يول ياقىسىدا قونغۇڭ كېلۇر. بەشىنچى چىللە45 كۈن، دەرەخلەر يوپۇرماق تاشلار. ئالتىنچى چىللە54 كۈن، تالا - تۈزمۇ سالقىنداپ قالار. يەتتىنچى چىللە63 كۈن، كېچىسى ئۇخلىغاندا ئەدىيال خۇشياقار. سەككىزىنچى چىللە72 كۈن، يوتقان يېپىنىشنى ئويلىشار. توققۇزىنچى چىللە81 كۈن، ھەممە ئۆي كۈل بىلەن ھەپىلىشەر (ئىسسىنىش ئۈچۈن).»