ئوچاق ئىلاھىنى ئۇزىتىش ۋە كۈتۈۋېلىش
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
ئىلگىرى تاماق ئەتكەندە كۆپىنچە ئوچاققا ئوتۇن قالىناتتى، ئوچاق بېشىغا قەدىمچە كىيىنگەن بىر بوۋاينىڭ سۈرىتى چاپلاپ قويۇلاتتى، ئۇ دەل ئوچاق ئىلاھى ھېسابلىناتتى. ئوچاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە يەنە: تەڭرىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ياخشى ئىشلىرىمىزنى دەڭ، بۇ دۇنياغا چۈشكەندە بىزنىڭ ئامانلىقىمىزنى ساقلاڭ، دېگەن ئىككى مىسرا مەسنەۋى يېزىلاتتى. ئوچاق ئىلاھى ئوزاق قەدىمكى دەۋرلەردىلا بارلىققا كەلگەن، ئۇ چاغلاردا ئۆي - ئۆيلەردە بەش ئىلاھقا، يەنى ئىشىك ئىلاھى، قۇدۇق ئىلاھى، ھاجەتخانا ئىلاھى، ئۆگزە ئىلاھى، ئوچاق ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ قىلىپ، تەڭرىدىن ئامانلىق تىلىنەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈچ ئىلاھ ئۇنتۇلۇپ قالدى، ئىشىك ئىلاھىنىڭ ئورنىنى چاغانلىق بېغىشلىمىلار ئالدى، پەقەت ئوچاق ئىلاھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىش يېقىنقى زامانغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوچاق ئىلاھى ئاسمان ئىلاھىنىڭ «خاس ۋەكىلى» بولۇپ، يىل بويى شۇ ئائىلىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىكەن. قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى12 - ئاينىڭ23 - ياكى24 - كۈنى ئاسمان ئىلاھىغا دوكلات قىلىدىكەن، شۇ كۈنلىرى ئوچاق ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ بېرىپ ئۇنى ئاسمان ئىلاھىنىڭ قېشىغا ئۇزىتىپ قويىدىغان ئىش ئىكەن. كىشىلەر بۇ ئوچاق ئىلاھىدىن ھەم ئازراق قورقىدىكەن، ھەم ئۇنىڭغا ئازراق ئۆچلۈك قىلىدىكەن، شۇڭا ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا پارا بېرىپ چاقچاق قىلىپ قويىدىكەن. ئوچاق ئىلاھىنى ئۇزىتىدىغان كۈنى دۆلەتمەن ئائىلىلەر ئېسىل تائاملارنى تەييارلاپ، ئوچاق ئىلاھىنى غەرق مەست قىلىۋېتىشنى ئويلايدىكەن؛ ئادەتتىكى ئائىلىلەردىمۇ نومى گۈرۈچىدىن تاتلىق سىبا ياكى ئارپا ئۇندۈرمىسى شېكىرىدىن ياسالغان تاڭگازىلارنى ئوچاق ئىلاھىنىڭ ئاغزىغا تىقىپ، ئۇنى ئاسمان ئىلاھى ئالدىدا قالايمىقان گەپ قىلدۇرماسلىققا تىرىشىدىكەن.
ئوچاق ئىلاھىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ھەرقايسى جايلاردا بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭغا ئەر ئۆي ئىگىسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھارپا ئاخشىمى ياكى1 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئاخشىمى قايتا ئىسرىق سېلىپ ئوچاق ئىلاھىنى كۈتۈۋالىدۇ، يەنى يېڭى ياغاچ ئويمىدا بېسىلغان بىر پارچە ئوچاق ئىلاھىنىڭ سۈرىتىنى چاپلاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ، ئوچاق ئىلاھىنىڭ ئاسمان ئىلاھى ئالدىدا دوكلاتىنى تۈگىتىپ، يەنە بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئوچاق ئىلاھى زادى كىم؟ بۇ ھەقتە رىۋايەتلەر كۆپ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمكى زاماندا بىر ۋاپاسىز ئەر ئۆتكەنىكەن، ئۇ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن تاپقان - تەرگىنىنى بىكار يېتىپ يەپ تۈگىتىپ دىۋانە بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ باشقا يۇرتلاردا سەرسانلىقتا، ئاچلىقتا يۈرگىنىدە، بىر ئايال ئۇنىڭغا باشپاناھ بوپتۇ، ئەسلىدە بۇ ئايال ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى خوتۇنى ئىكەن. ئۇ ئۇيالغىنىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، بېشىنى ئوچاققا تىقىپ ئۆلۈۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوچاق ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالغانمىش، ... يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەيجۇ ئوبلاستىنىڭ باشلىقى جاڭ دازۈي (ئاغزى يوغان جاڭ) تويماس، ئاچ كۆز بولغاچقا، بېلىقچى جاۋ داجياۋ (يوغان پۇت جاۋ) ئۇنى بىر تېپىپ يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى دەسسەپ يانجىۋېتىدىغان چاغدا سۇ ئىلاھى ئارىغا كىرىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنى يەنە بىر تېپىپ ئوچاق تېمىغا مەڭگۈلۈك چاپلاپ قويۇپتۇ. ئاسمان ئىلاھى جاڭ دازۈينىڭ ئاشپەزلەرنى باشقۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئوچاق ئىلاھى قىلىپ تەيىنلىگەنمىش.
ئەمەلىيەتتە ئوچاق ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ قىلىش قەدىمدىن تارتىپ ئوتقا چوقۇنۇشتىن قالغان يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئەجدادلىرىمىز ئوتنى ئىختىرا قىلغۇچىلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر يىلى يازدا ئوت ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ قىلاتتى، ئوچاقنىمۇ ئوتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قاراپ، كېيىن ئۇنى بەش نەزىر - چىراغنىڭ بىرى قىلغان. جۇڭگودا يىن، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ ئوچاق ئىلاھى دېگەن گەپ بار. ئۇ چاغدىكى ئوچاق ئىلاھى بىر موماينىڭ تۇرقى بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرىدىكەنمىش.