UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارچاغان

چاغان

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار دېھقانلار كالېندارى بويىچە1 - ئاينىڭ1 - كۈنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى − چاغان، بۇ بايرام خەن ۋۇدى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى140 - يىلى) دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ كۈن قەدىمكى زاماندا يېڭى يىل كۈنى ياكى «ئۈچ باشلىنىش» (يىلنىڭ باشلىنىشى، ئاينىڭ باشلىنىشى، كۈننىڭ باشلىنىشى) دەپ ئاتىلاتتى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇڭگودا شەمسىيە (كۈن كالېندارى) قوللىنىلىشقا باشلىدى، دېھقانلار كالېندارى (ئاي كالېندارى) بىلەن شەمسىيە (كۈن كالېندارى) نى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، دېھقانلار كالېندارى بويىچە كېلىدىغان يىل چاغان بايرىمىغا ئۆزگەرتىلدى، شەمسىيە (كۈن كالېندارى) بويىچە كېلىدىغان يىل يېڭى يىل بايرىمىغا ئۆزگەرتىلدى. چاغاننىڭ1 - كۈنى سەھەردىن باشلاپ پوجاڭزا ئېتىلىدۇ. قەدىمكى شېئىرلاردا: «بامبۇكنىڭ پارتلاش ئاۋازى بىلەن بىر يىل كېتىدۇ، باھار شامىلى بىلەن جاھان ئىللىپ تۇسۇ (ھاراق نامى ) كېلىدۇ» دېگەن مىسرالار بار. بامبۇكنىڭ پارتلاش ئاۋازى كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ يېڭى يىلنى قارشى ئالغانلىقنى، بايراملىق كەيپىياتنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكىلەر بامبۇك بوغۇمىنى ئوتتا قاقلاپ، ئۇنىڭدىن زور پارتلاش ئاۋازىنى چىقارغان، بۇ ئارقىلىق يامان كېسەللەرنى قوغلىغان، مانا بۇ بامبۇك بوغۇمى پارتلىتىشنىڭ كېلىپ چىقىشى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ گۈڭگۈرتنى قەغەزگە ئوراپ، ئوت يېقىپ پوجاڭزا قىلىپ ئاتقان. ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە قوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشىپ چاغاننى تەبرىكلەش − ھېيتلاش چاغان مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر ئۆز ئورنىدىكى خادىملارنى يىغىپ، بىر - بىرىنى تەبرىكلىشىدۇ، بۇ كوللېكتىپ پەتىلەش دېيىلىدۇ. چاغان ئەڭ قويۇق شاد - خۇراملىققا چۆمۈلىدىغان بايرام. ئەزەلدىن تارتىپ كوچا - كويلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا سەنئەتچىلەر نەزم، ناخشا ئېيتىشىپ سېرك قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، بايرام ئاجايىپ قىزىپ كېتىدۇ. ئىلگىرى، چاغاننىڭ1 - كۈنى ھەممە ئائىلىلەر دېگۈدەك پەلەك ئىلاھى ۋە يەر ئىلاھىغا سەجدە قىلاتتى، ئىلاھلارنى قارشى ئېلىپ ئاتا - بوۋىلىرىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلاتتى. ئاتا - بوۋىلىرىغا نەزىر - چىراغ قىلغاندا، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختىلارنى رېتى بويىچە زالغا تىزىپ قوياتتى، تاۋاپ قىلغۇچىلارمۇ چوڭدىن كىچىكىگىچە رېتى بويىچە كۈجە كۆيدۈرۈپ تاۋاپ قىلاتتى. جەنۇبىي جۇڭگولۇقلار يەنە ئاتا - بوۋىلىرىغا نەزىر - چىراغ قىلىپ بولغاندىن كېيىن «كالېندار» دا خاتىرىلەنگەن شۇ يىللىق خەيرلىك يۆنىلىش بىلەن تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پانۇس كۆتۈرۈپ كۈجىلىرىنى ئېلىپ پوجاڭزىلارنى ئېتىپ، ئۆيدىن يولغا چىقىپ خۇشاللىق ئىلاھىنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تەڭرىدىن بىر يىللىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار