UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملارباش يازدا ئۈچ يېڭىلىقنى كۆرۈش

باش يازدا ئۈچ يېڭىلىقنى كۆرۈش

جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار باش يازدا «ئادەم جىڭلاش» كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر خىل ئادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى ھەممە ئۆيدە بىردىن چوڭ جىڭ ئېسىقلىق تۇرىدۇ، ئۆيدىكى چوڭ - كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدۇ. باش كۈز يېتىپ كەلگەن كۈنى يەنە بىر قېتىم ئۆلچەيدۇ. شۇنداق قىلىپ «باش ياز» دىن «باش كۈز» گىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كەتكەن ياكى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. باش يازدا بەزى يېڭى مېۋىلەر پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ. ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر گىلاس، كۆك قارىئۆرۈك، بۇغداي قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ روھىغا نەزىر - چىراغ قىلاتتى، بۇ «باش يازدا ئۈچ يېڭىلىقنى كۆرۈش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزلىرى ئاق ھاراق، نومى ھارىقى، پۇرچاق، ھورنان، مەنجىڭ، قىچا، بامبۇك نوتىسى، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى قاتارلىقلارنى يەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىقنى تېتىپ بېقىش مەنىسىگە ئىگە. ياز كىرگەندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ، بۇ «ياز قىزىتمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ياز قىزىتمىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدا ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك بامبۇك نوتىسى قاينىتىپ ئىچىدۇ، بۇ «پۇتنى ساغلاملاشتۇرۇش نوتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزىلەر «ئالا تاماق» يەيدۇ، ئۇنى نومى بىلەن قارا پۇرچاقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىدۇ. بۇ خىل تاماقتا قارىمۇ، ئاقمۇ بولغانلىقتىن، ئالا تاماق دەپ ئاتالغان. يەنە بەزىلەر تۇخۇم يەپ، جەم بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر خىلى «چاي تۇخۇمى»؛ يەنە بىر خىلى گۈرۈچ ئۇنىنىڭ ئارىسىغا قىيما ئېلىپ تۇخۇم شەكلىدە تۈگۈلىدۇ، ئۇ «گۈرۈچ ئۇنى ئۆردەك تۇخۇمى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئادەت ئاساسەن جياڭسۇ ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرىدە ئومۇملاشقان. بەزى جايلاردا بۇ كۈنى يەنە يېڭى چايلارنى دەملەپ، ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنىلىرىغا بېرىدۇ، بۇ «يەتتە ئائىلە چېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن بايراملارغا ئوخشاش، ئىلگىرىكى كىشىلەر بۇ كۈننىڭ ئوچۇق - تۇتۇقلۇقى، يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋانىڭ ئېچىلىشىغا قاراپمۇ شۇ يىللىق ھوسۇلنىڭ مول ياكى كەم بولۇشىنى مۆلچەرلەپ كەلگەن. مەسىلەن، يۈننەننىڭ شۇەنۋېي ناھىيىسىدە دېھقانچىلىققا دائىر تەمسىللەردە: «باش يازدا يامغۇر ياغمىسا، ئاسماندا توغان بولماس»، «باش يازدا يامغۇر بولمىسا، ئوغۇردا گۈرۈچ بولماس» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى باش يازدا يامغۇر ياغمىسا، قۇرغاقچىلىق بولىدۇ، كۈزلۈك ھوسۇلغا تەسىر يېتىدۇ، دېگەنلىك.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار