جەم بولۇش تامىقى يېيىش ۋە تۈنەش
جۇڭگودىكى پەسىل ۋە بايراملار
ھارپا ئاخشىمى، يەنى يىلنىڭ ئاخىرقى ئاخشىمى دېھقانلار كالېندارى بويىچە يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاخشىمى ھېسابلىنىدۇ. جۇ، چىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ھەر يىلى ئاخىرلىشىدىغان چاغدا خان ئوردىسىدا «جىن قوغلاش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇمباق چېلىپ ۋابا ۋە جىن - شەيتانلار قوغلىنىدۇ. بۇ «قوغلاپ يوقىتىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرمۇ ھارپىدىن بىر كۈن ئىلگىرىكى كۈن كىچىك يوقىتىش كۈنى، ھارپا ئاخشىمى كۈنى چوڭ يوقىتىش كۈنى دېيىلىدۇ.
بۇ كۈنى ئىشىك ئىلاھىنىڭ سۈرىتى ئالماشتۇرۇلۇپ، باھار مەسنەۋىلىرى چاپلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندا جىن شاپتۇل ياغىچىدىن قورقىدۇ، شېن تۇ، يۈ لېي ئاكا - ئۇكىلار ئالۋاستى تۇتۇشنى بىلىدىكەن دېگەن گەپ بار ئىدى، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى شاپتۇل ياغىچىنىڭ تاختايلىرىغا سىزىپ، ئىشىك ئالدىلىرىغا قويۇپ يامانلىقتىن ساقلىنىدىكەن، بۇ تاۋفۇ (يېڭى يىلغا بېغىشلاپ ئىشىككە چاپلىنىدىغان بىر جۈپ مەسنەۋى) دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن ئىككى خىل شەكىلگە ئۆزگەردى: تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيىپ قولىدا قورال تۇتقان ئىككى سانغۇننىڭ سۈرىتى سىزىلىپ، ئىشىك ئۈستىگە چاپلىنىدىغان بولدى، بۇ ئىشىك ئىلاھى دەپ ئاتىلاتتى؛ كېيىنچە ئىككى مەمۇرىي ئەمەلدارنىڭ سۈرىتى سىزىلىدىغان بولدى، بۇمۇ ئىشىك ئىلاھى دەپ ئاتالدى. بەش دەۋر،10 پادىشاھلىق مەزگىلىدە ئۆتكەن شۇ بەگلىكىنىڭ بېگى مېڭ چاڭ شاپتۇل ياغىچى تاختىيىغا: «بۇلتۇرقى شادلىق ئېلىپ يېتىپ كەلدى يېڭى يىل، شاد بايرام خۇشلۇقى داۋاملاشسۇن يىلمۇيىل» دېگەن ئىككى جۈملە خەيرلىك سۆزنى يازغان، بۇ ئەڭ دەسلەپكى چاغان مەسنەۋىسى ھېسابلىنىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ چاغان مەسنەۋىلىرى قىزىل قەغەزگە قولدا يېزىلىدىغان بولدى. ھازىر ئىشىك ئىلاھى ئاساسەن چاپلانمايۋاتىدۇ، ئەمما چاغان مەسنەۋىلىرى يەنىلا كەڭ تارقالماقتا.
ھارپا ئاخشىمى ئائىلىلەردە كەچلىك زىياپەت بولىدۇ، بۇ ھارپا كېچىلىك تاماق دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا جەم بولۇش تامىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جايلارنىڭ ئادەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قورۇمىلارغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تەيۋەن ئۆلكىسى ۋە فۇجيەننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئائىلە بويىچە يەل قازان شورپىسى قويۇلغان يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرىدۇ. قورۇمىلاردىن گۆش كۇمىلىچى، بېلىق گۆشى كۇمىلىچى قاتارلىقلار چىقىرىلىپ، ئائىلە بويىچە جەم بولغانلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ؛ تۇرۇپ خەلق ئىچىدە كۆكتاتلارنىڭ بېشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئامەت تىلىنىدۇ؛ شۇ جاينىڭ دىئالېكتلىرىدا توخۇ بىلەن ئائىلە ئاھاڭداش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، «توخۇ يەپ ئىگىلىك تىكلەش» بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنە مايدا قورۇغان يېمەكلىكلەر تەييارلىنىپ، «قازاندا مايلار قايناپ» ئائىلىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا بىر تاتلىق قورۇما چىقىرىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ مەڭگۈ شېرىن - شېكەردەك ئۆتۈشىگە تىلەكلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ھازىر تەيۋەندىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر ھارپا ئاخشىمى قازان بېشىغا ئولاشقاندا ئۈستەلگە بىر كىشىلىك بوش قاچا - قومۇچنى قويۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك گۈزەل ئارزۇغا يېتىشكە ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شىمالىي جۇڭگو تەرەپتىكىلەر «يېڭى يىل جۇۋاۋىسى» يېيىشكە ئامراق، جۇۋاۋا تۈگكەندە بەزىلەر ئالدىنئالا بىرقانچە تال تەڭگە پۇلنى قىيمىغا قوشۇپ تۈگىۋېتىدىكەن، كىم ئۇنى ئالدىدا يەۋالسا، شۇ كىشى كۆپ پۇل تاپارمىش. ئۇلار كۆپىنچە جۇۋاۋا ئىچىگە چىلان، خاسىڭ مېغىزى، ناۋات پارچىلىرىنى تىقىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر مېۋىسى (خاسىڭ) ئارقىلىق باشقىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ، چىلان ۋە ناۋاتلار تۇرمۇشنىڭ بارغانسېرى باياشات بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
قەدىمكىلەر ھارپا ئاخشىمى ئائىلە زىياپىتىدە تۇسۇ ھارىقى ئىچىدۇ، بۇ بىر خىل دورا ھاراق بولۇپ، تۇسۇ، داخۇاڭ، جيېگېڭ (قوڭغۇراقگۈل) قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ھاراقنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق تېۋىپ سۈن سىمياۋ كەشىپ قىلغان. تۇسۇ ھارىقىنى ئالدى بىلەن يېشى ئەڭ كىچىك ئادەم ئىچىپ بېرىدۇ، ئاندىن ياشنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ رەت بويىچە ئىچىدۇ. بۇ يېشى كىچىكلەرگە بولغان تىلەك ۋە ئىلھام ئىكەن.
كونا ئادەت بويىچە، ھارپا ئاخشىمى (كېچىسى) «تۈنەك» تە تۈن بويى ئۇخلاشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بار: بىرى، ياشانغانلار كونا يىلنى ئەسلەپ، تۇرمۇشنى قەدىرلەش مەنىسى بار؛ يەنە بىرى، ياشلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئومۇمەن ئاتا - ئانىسى ھاياتلار ئادەت بويىچە ھەممىسى تۈنىشى كېرەك. تۈنىگەندە بىرمۇنچە چاي، قەنت - گېزەك، مېۋە - چېۋىلەر تەييارلىنىدۇ، يېگەچ مۇڭدىشىپ چاغاننىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ