UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارتيەنجۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

تيەنجۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار تيەنجۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − ئەنخۇي ئۆلكىسى چيەنشەن، يۆشى ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، گرانىت تاشلىق ئېگىز تاغ مەنزىرىلىك رايونى. ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1490 مېتىر ئېگىز، چوققىلىرى ھەيۋەتلىك، شارقىراتمىلىرى ۋە بۇلاقلىرى كۆپ، دەل - دەرەخلىرى بۈك - باراقسان، دېڭىز يۈزىدىن1000 مېتىر ئېگىز جايلىرىدا قارىغايلار كۆپ ئۆسىدۇ، كۆرۈنۈشى خىلمۇخىل بولۇپ، «يىنكېسۇڭ» قارىغايلىرى خۇددى خۇاڭشەن تېغىدىكى «يىنكېسۇڭ» قارىغايلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشايدۇ. تيەنجۇشەن تېغىنىڭ قەدىمىي ئىسمى ۋەنشەن تېغى بولۇپ، ھازىر سەنزۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىبادەتخانىلار ۋە تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەر قالدۇرۇپ كەتكەن200 نەچچە ئورۇندا قىيا تاش ئويمىسى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تيەنجۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki