UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارشېڭسى تىزما ئاراللىرى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

شېڭسى تىزما ئاراللىرى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار شېڭسى تىزما ئاراللىرى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسى جۇشەن تاقىم ئاراللىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بىرىكىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى يۈزلىگەن ئاراللاردىن تەركىب تاپقان، ھاۋاسى يېقىشلىق، ساھىل كۆپ، خادا تاشلىرى كۆركەم، تاشلىرى ئاجايىپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆرۈنۈشلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەنلىرىدىن سىجياۋ، خۇاڭلۇڭ، جۈجى، شېڭشەن، خۇانياۋ قاتارلىق ئاراللار بار. ساھىلى كەڭ، قۇمى يۇمشاق، يانتۇلۇق دەرىجىسى تۆۋەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىجياۋ ئارىلىدىكى جىخۇ كۆلى قۇملۇق ساھىلىنىڭ كۆلىمى600 مىڭ كۋادرات مېتىر، نەنچاڭتۇ قۇملۇق ساھىلىنىڭ كۆلىمى400 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك دېڭىزغا چۆمۈلۈش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. شېڭشەن تېغىنىڭ شەرقىدىكى قىيالىق، خۇاڭلۇڭ ئارىلىدىكى باۋيۈەنشى (يامبۇ تاش) قاتارلىق نۇرغۇن غەلىتە خادا تاشلار كىشىنى بەك جەلپ قىلىدۇ. ئاراللاردا مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىن بۇيانقى قىيا تاش ئويمىلىرى كۆپ. خۇانياۋ ئارىلىدا1870 - يىلى سېلىنغان يىراق شەرق بويىچە تۇنجى ماياك بېلىقچىلىق پورتى، بېلىقچىلار كەنتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئالاھىدە مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. شېڭسى ئاراللىرىنىڭ ياز پەسلىدىكى ھاۋاسى سالقىن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، يازدا ئىسسىقتىن پاناھلىنىپ ئارام ئېلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار