UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارفۇچۈنجياڭ − شىنئەنجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

فۇچۈنجياڭ − شىنئەنجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار فۇچۈنجياڭ − شىنئەنجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بولۇپ، تۆۋەن تەرىپى فۇياڭدىن باشلىنىدۇ، يۇقىرى تەرىپى چۈنئەنگىچە بارىدۇ. دەريانىڭ ئىككى يېقىدىكى تاغ مەنزىرىسى تولىمۇ كۆركەم، سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن دەريانىڭ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن داڭقى چىققان. قىرغاقتىكى قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن يېزا ۋە بازارلار، فۇچۈنجياڭ، شىنئەنجياڭ دەريالىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە پۈتمەس ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ. شىنئەنجياڭ سۇ ئامبىرىدا ئاراللار كۆپ بولۇپ، «مىڭ ئاراللىق كۆل» دېگەن نامى بار. دەريا بويىدا خېشەن تېغى، تۇڭجۈنشەن تېغى، ياۋلىن غارى، ۋۇشى ئۆستىڭى، يەنزىلىڭ شىپاڭى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار، يەنە فاڭلا غارى، لىڭشى غارى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار