يېسەنپو داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
يېسەنپو داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېبېي ئۆلكىسى لەيشۇي ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە، كۆلىمى460 كۋادرات كىلومېتىر. مەنزىرىلىك رايوندا گېئولوگىيىلىك دەۋرلەر يەر قاتلاملىرى بىرقەدەر تولۇق ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، جىنجىڭجەي، ياڭمىڭشەن، فوجىڭدۇڭ، جىنخۇاشەن، يېسەنپو، جۈماخې قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلارغا بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گەۋدىلىكى قاتلاملىرى ئۆزگىرىشچان چوققىلار ۋە چوڭقۇر، ئۆلچەش تەس بولغان100 چاقىرىملىق جىلغىدۇر. «لاۋخۇزۈي» (يولۋاس ئاغزى)، «بۇجيەنتيەن» (كۈننى كۆرگىلى بولماس)، «گۇەنيىن خۇيشۇ» (بۇدساتۋانى ياد ئېتىش)، «لۇڭتەن يىڭيۆ» (كۆلدىكى ئاي شولىسى) قاتارلىق20 نەچچە تەبىئىي مەنزىرىلىك جاي بار بولۇپ، ھەيۋەتلىك، خەتەرلىك، ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى شىمالىي جۇڭگو رايونىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. بەيساۋپەن مەنزىرىلىك رايونىدا ئۆسۈملۈك خىللىرى كۆپ، ئىپتىدائىي ئورماننىڭ تەبىئىي قىياپىتى بىرقەدەر ياخشى ساقلانغان. جۈماخې، شياۋشىخې دەريالىرىدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇز قاتمايدۇ، سۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، دەريا بويىدىكى تاغ ئاستىدا يېگانە چوقچىيىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى ۋە100 مېتىر كەڭلىكتىكى قۇملۇق ساھىل تاغ - دەريا بىلەن بىرىكىپ، سۇغا چۆمۈلۈش، قۇمغا «چۆمۈلۈش»، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چۆمۈلۈش مەيدانىنى ھاسىل قىلغان. مەنزىرىلىك رايوندا يېسەنپودىكى لۇڭمېن قىيا تاش ئويمىسى، دالۇڭمېن قەلئەسى، سەيشۇئەن سەددىچىن سېپىلى قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇ جاي چەت - ياقا بولغاچقا، يەنە قەدىمىي ئۆرپ - ئادەتلەرمۇ ساقلىنىپ قالغان.