خۇاڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خۇاڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تەيپىڭ، يىشيەن، شيۇنىڭ، شىشيەن ناھىيىلىرى تۇتاشقان جايدىكى ئورمانلىققا پۈركەنگەن گرانىت تاشلىق ئېگىز تاغدىن شەكىللەنگەن ئېگىز تاغلىق مەنزىرە رايونى، تاغنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، غەلىتە ۋە گۈزەل، تاشلىرى ئاجايىپ كۆركەم، ئاساسىي چوققا − ليەنخۇافېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1840 مېتىر ئېگىز. خۇاڭشەن تېغىنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ ئاجايىپ قارىغايلىرى، غەلىتە تاشلىرى، قويۇق بۇلۇتلىرى ۋە ئارىشاڭلىرىدىلا بولۇپ، بۇلار «تۆتتە تەڭداشسىز» دەپ تەرىپلەنگەن. خۇاڭشەن قارىغىيى تاش چوققىلاردىكى قىيالاردا ئۆسىدۇ، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، قەيسەر كېلىدۇ، بولۇپمۇ يىنكېسۇڭ قارىغىيى (مەرھابا قارىغىيى) گۈزەل قىياپىتى بىلەن داڭلىق. خۇاڭشەن تېغىنىڭ يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك، دەل - دەرەخلىرى بۈك - باراقسان، تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىرىشچان، ئاساسىي مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن بېيخەي، شىخەي، تيەندۇفېڭ چوققىسى، يۈبىڭلۇ راۋىقى، يۈنگۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. خۇاڭشەن تېغى ئۆزگىچە تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن «بەش ئېگىز تاغقا بارغانلارغا باشقا تاغلار تاغ بىلىنمەس، خۇاڭشەنگە بارغانلارغا ئېگىز تاغمۇ تاغ بىلىنمەس» دەپ تەرىپلىنىدۇ.