يالۇجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
يالۇجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھىرى يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى خۇنجياڭكۇدىن دەرياسى بىلەن دېڭىز ئايرىلىدىغان جايدىكى دادۇڭ پورتىغىچە بولغان ئارىلىققا جايلاشقان، دەريا بۆلىكىنىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى210 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن400 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شۇيفېڭخۇ كۆلى، تەيپىڭۋەن قولتۇقى، خۇشەن تېغى، داچياۋ كۆۋرۈكى، دۇڭگاڭ پورتى قاتارلىق بەش مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا زۇمرەتتەك دەريا سۈيى تولغىنىپ ئاقىدۇ، دەريادا يېشىللىققا ئورالغان ئاراللار بار، قىرغاقتا تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆكتە تۈرلۈك قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇرىدۇ. كۆركەم شۇيفېڭخۇ كۆلى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى، ھەيۋەتلىك فۇشەن تېغى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يالۇجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىن غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە ئۆتكەن «زەپەر دەرۋازىسى». مەنزىرىلىك رايوندا يەنە18 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەندۇڭ ئادىمى ئۆڭكۈرىنىڭ خارابىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي ئەنپىڭ ناھىيىسىنىڭ خارابىسى، سەددىچىن سېپىلى خارابىسى ھەمدە زامانىۋى كۆۋرۈك، شۇيفېڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى چوڭ تۇغىنى، باغۋاران قۇرۇلۇشى قاتارلىق مول گۇمانىتار مەنزىرىلەر بار.