تەيخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تەيخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى، ۋۇشى شەھىرى ۋە ۋۇشيەن - يىشىڭ - ۋۇشى قاتارلىق ئۈچ ناھىيە چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. كۆلدە48 ئارال بار، تاغ ۋە سۇ بىرلىشىپ كەتكەن، قاتلامغا باي بولۇپ، تەبىئىي رەسىملەر توپلىمىنى ھاسىل قىلغان. تەيخۇ كۆلىنىڭ شەرقىي، شىمالىي، غەربىي قىرغاق بويلىرى ۋە كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللار ۋۇ، يۆ بەگلىكلىرى مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، ئۇ يەرلەردە زور تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان، مەسىلەن، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى خېلۇي شەھەر خارابىسى، يۆچېڭ شەھەر خارابىسى، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ قانال، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باۋدەيچياۋ كۆۋرۈكى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى زىجىنيەن كۆلبىسى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تيەنچى تاش ئۆيى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ياڭۋەن كوچىسى ھەمدە كۆپلىگەن داڭلىق ئىبادەتخانا، بۇتخانىلار، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى باغۋاران قاتارلىقلار بار. يەنە ۋۇ پادىشاھى فۇ چەي، يۆ پادىشاھى گۇ جيەن، سۈنزى، فەن لى، شىشى، شياڭ يۈ، فەن جۇڭيەن قاتارلىقلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خارابىلەر بار.