UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارجيەنمېن شۇداۋ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جيەنمېن شۇداۋ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار جيەنمېن شۇداۋ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جىنياڭ ۋىلايىتىدە، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چىنلىڭ، باشەن، مىنشەن تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان «شۇداۋ» (سىچۇەن يولى)نى لىنىيە قىلغان مەنزىرىلىك رايون. شۇداۋ شەنشىنىڭ خەنجۇڭ، نىڭچياڭ دېگەن جايلىرىدىن سىچۇەننىڭ گۇاڭيۈەن، جيەنگې، زىتۇڭغىچە بولغان تاغ قاپتىلىغا ياسالغان قەدىمىي ئاسما يول بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز چاقىرىم كېلىدۇ. يول لىنىيىسى خەتەرلىك، مەنزىرىسى گۈزەل. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر لى بەي «ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىندۇر سىچۇەن يوللىرىدا ماڭماق» دەپ تەسۋىرىلىگەن. بۇ يولنىڭ بويىدا نۇرغۇن مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر، قەدىمىي ئاسما يوللار، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى قەدىمىي ئۇرۇش مەيدانلىرى خارابىسى، ۋۇ زېتيەن بۇتخانىسى، خۇاڭزېسى ساڭرامى، تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدىكى مىڭ بۇت تاش ئويما قىيالىقى، جيەنمېنگۇەن ئۆتكىلى، قەدىمىي كارۋان يولى، چىچۈشەن چوڭ بۇتخانىسى، لى بەينىڭ كونا تۇرالغۇسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جيەنمېن شۇداۋ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki