تەڭرىتاغدىكى داڭلىق بوغدا كۆلى مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تەڭرىتاغدىكى داڭلىق بوغدا كۆلى مەنزىرىلىك رايونى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىدە، ئېگىز تاغدىكى كۆلنى مەركەز قىلغان تەبىئىي مەنزىرىلىك رايون. تەڭرىتاغنىڭ بوغدا چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن5445 مېتىر ئېگىز بولۇپ، يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بوغدا كۆلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى سەنگۇڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن1900 نەچچە مېتىر ئېگىز. كۆل ئەتراپى قويۇق ئورمانلىق، ياپيېشىل ئۆت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىگە قاراپ، ئوخشاش بولمىغان مۇزلۇق ۋە قارلىق بەلۋىغى، سۇبئالپ بەلۋىغى، تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىقلار بەلۋېغى ۋە پاكار تاغلار بەلۋىغىدىن ئىبارەت تۆت تەبىئىي مەنزىرىلىك رايونغا ئايرىلىدۇ. بوغدا كۆلىدە بىرلا ۋاقىتتا قارلىق تاغ، ئورمانلىق، زۇمرەتتەك سۇ، گۈل - چېچەكلەرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. يېقىن ئەتراپىدا يەنە كىچىك بوغدا كۆلى، دېڭگەن تېغى، تاش بوغۇز قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. بوغدا كۆلى قەدىمدە خەنزۇچىدا «تەڭرى ئانىنىڭ ماكانى» دەپ ئاتالغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ خان زامانىسىدىن تارتىپ «ئاسماننىڭ چېگرىسى»، «ئىلاھىي كۆل» دېگەن مەنىنى بېرىدىغان «تىيەنچى» (بۇغدا كۆلى) دەپ ئاتالغان.