UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارخۇاشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

خۇاشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار خۇاشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇايىن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، غەربىي خۇاشەن تېغى چىنلىڭ تاغ تىزمىسىغا تەۋە بولۇپ، گرانىت تاشلاردىن تۈزۈلگەن، تۈز يەردىن چوقچىيىپ چىقىپ بۇلۇتقا تاقاشقان. لويەنفېڭ چوققىسى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن1997 مېتىر ئېگىز. خۇاشەن تېغى ئاجايىپلىقى ۋە خەتەرلىكلىكى بىلەن داڭلىق، چىڭكېپىڭ، چيەنچىچۇاڭ، چائېريەن قىياسى، ساڭلۇڭ چوققىسى، چاڭكۇڭ ئاسما يولى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. خۇاشەن تېغىدىكى قارىغايلار يوغان ھەم ئېگىز، كۆپىنچىسى دېڭىز يۈزىدىن1500 مېتىردىن ئېگىز جايلاردا ئۆسكەن بولۇپ، خەتەرلىك چوققىلار بىلەن ماسلىشىپ تۇرىدۇ. خۇاشەن تېغى تويىن دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بىرى. كۆلىمى زور شىيۇمياۋ ئىبادەتخانىسى خۇايىن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەردە يەنە يۈچۇەنيۇەن، شيەنگۇگۇەن (پەرىزات راۋىقى) قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار ۋە تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ بېغىشلىما ئويمىلىرى ھەمدە ئەپسانە - رىۋايەتلەر بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خۇاشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki