خۇاڭخې دەرياسى خۇكۇ شارقىراتمىسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خۇاڭخې دەرياسى خۇكۇ شارقىراتمىسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىشيەن ناھىيىسى بىلەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىچۇەن ناھىيىسى ئارىلىقىغا جايلاشقان، كۆلىمى100 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، داڭلىق مەنزىرىلىك رايون. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ خۇكۇ شارقىراتمىسى تاغنى تالقان قىلغۇدەك ئۆزگىچە مەردانە قىياپىتى بىلەن داڭلىق بولۇپ، كۆرۈنۈشى بەك ھەيۋەتلىك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ500 مېتىر كەڭلىكتىكى كۈچلۈك ئېقىنى يىغىلىپ،20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈزۈلمە قىيادىن300 نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى تاش ئوقۇرغا تىك چۈشۈپ، گويا تۈمەنمىڭ ئارغىماق چېپىپ كېتىۋاتقاندەك سادا چىقىرىدۇ، گويا غايەت زور تولغىنىۋاتقان ئەجدىھادەك ئۆركەشلەپ ئېقىپ، «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر»، «ئۇزۇن ئەجدىھا ئوقۇرى»، «كۆككە تۇتاشقان ھەسەن - ھۈسەن» دېگەندەك ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا يەنە مېڭمىندىكى ئاي، تاشپاقا بىلەن كالىنىڭ ئۇرۇشۇشى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەمدە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پرېستان، تۇڭجى سەددىچىن سېپىلى، سىمىڭبېي راۋىقى، لۇڭمېن ئۆتكىلى قاتارلىق گۇمانىتار مەنزىرىلەر بار. تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىن ئەسكەر باشلاپ جەڭ قىلغان گۇاجياشەن تېغى، سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى كۈنرۇ ھەزرەت ئانا قەسرى بار، قەسىرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى قەدىمكى قۇرۇلۇشلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.