UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچېڭدې يازلىق ئارامگاھ ۋەيبامياۋ مەنزىرىلىك رايونى

چېڭدې يازلىق ئارامگاھ ۋەيبامياۋ مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چېڭدې يازلىق ئارامگاھ ۋەيبامياۋ مەنزىرىلىك رايونى − خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرى چوققىلىرى كۆككە بوي سوزغان تاغ جىلغىسىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان. يازلىق ئارامگاھ1703 −1790 - يىللىرى بىنا قىلىنغان، كۆلىمى ناھايىتى چوڭ خانلىق باغچىسى بولۇپ، قەسىر ۋە مەنزىرىلىك باغدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. قەسىرلەر پەم بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قۇرۇلۇشى ئاددىي، باغ مەنزىرىسىدە مول، رەڭگارەڭ تەبىئىي يەر شەكلىدىن تولۇق پايدىلىنىلغان، ئەنئەنىۋى باغۋەنچىلىك ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىپ، قەدىمكى زاماندىكى جەنۇب - شىمال باغۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ۋەيبامياۋ تاشقى سەككىز بۇتخانا خەنزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىناكارلىق شەكىللىرى بىرىكتۈرۈلۈپ سېلىنغان بولۇپ، خۇددى يۇلتۇزلار ئاينى چۆرىدىگەندەك، ئارامگاھنىڭ شەرق ۋە شىمالىي تەرىپىنى ئوراپ تۇرىدۇ. تاغ ئىچىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ چوققا ۋە تاشلار، مەسىلەن، شېڭچۈيفېڭ چوققىسى، شۇاڭتاشەن تېغى، لوخەنشەن تېغى قاتارلىقلار بىلەن تاغلىق كەنت قۇرۇلۇشلىرى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۇمانىتار گۈزەللىك ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار