جىگۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جىگۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېنەن ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، پاكار تاغ - تۆپىلىكلەرنى مەنزىرە قىلغان،20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن تارتىپ تەرەققىي قىلغان سەيلىگاھى. تاغ چوققىلىرى ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن، باۋشاۋفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن784 مېتىر ئېگىز، شەكلى بوينىنى سوزۇپ چىللاۋاتقان خورازغا ئوخشايدۇ. جىگۇڭشەن تېغى جۇڭگونىڭ جەنۇب - شىمال ئۆسۈملۈكلەر ئۆتكۈنچى بەلۋىغىغا جايلاشقان، يامغۇر - يېشىن مىقدارى تولۇق، كىلىماتى يېقىشلىق بولۇپ،1200 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار. بۇلۇت دېڭىزى، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، شارقىراتما، بۇلاقلار ۋە تۆت پەسىل مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئاساسىي مەنزىرىلىك نۇقتىلاردىن باۋشاۋفېڭ چوققىسى، لىڭخۇاشەن تېغى، چىڭلۇڭتەن ساھىلى، سانغۇن تېشى قاتارلىقلار بولۇپ، يەنە نۇرغۇن داچا ۋە تاغلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى بار.