ۋۇداليەن كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ۋۇداليەن كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى دېدۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا. يانار تاغلارنى تەبىئىي مەنزىرە قىلغان بولۇپ،14 يانار تاغ كونۇسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، ئېرىگەن تاغ جىنسلىرىنىڭ توسما ھاسىل قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بەش كۆل ئۇلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. لاۋخېيشەن تېغى بىلەن خوشاۋشەن تېغى200 نەچچە يىللار ئىلگىرى پارتلىغان يېقىنقى مەزگىلدىكى يانار تاغلاردۇر. بۇ يەرنىڭ يانار تاغ يەر تۈزۈلۈشى مۇكەممەل بولۇپ، «يانار تاغ گېئولوگىيىسى مۇزېيى» دېگەن نامى بار. ۋولقان لاۋالىرىدىن شەكىللەنگەن مول يەر شەكلى بىلەن تاغ، سۇ، ئورمانلار بىرىكىپ ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن، بۇ يەردە يەنە ۋېنبو بۇلۇت تۇمانلىرى، ئۈچ كۆلدىكى يېرىلغان مۇز، تاش - دولقۇن ئاۋازى، قېيىنزارلىقتىكى بۇلاق قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.