لوياڭدىكى لۇڭمېن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
لوياڭدىكى لۇڭمېن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا، لۇڭمېن تېغى شيۇڭئېرشەن تېغىنىڭ تارمىقى بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ توساتتىن ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە شەرقىي تاغ، غەربىي تاغ دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئېگىز ھەم ھەيۋەت چوققىلىرى بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، يىشۇي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا بىر تەبىئىي يېرىق شەكىللىنىپ، «يىجۆ» دەپ ئاتالغان. يىشۇي دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تاغ تىك بولۇپ، شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تارتىپ بۇددا تاش ئويمىلىرى بارلىققا كەلگەن، ھازىر2100 دىن ئارتۇق بۇددا غارى،100 مىڭدىن ئارتۇق بۇت،3600 پارچىدىن ئارتۇق تاش ئويما،40 نەچچە بۇددا مۇنارى بار. جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ تاش غار سەنئىتى خەزىنىسىنىڭ بىرى. لوياڭ توققۇز سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغان، لۇڭمېن قەدىمدىن پادىشاھلار ساياھەت قىلىدىغان، ئەدىبلەر جەم بولىدىغان جاي، يېقىن ئەتراپىدا يەنە گۇەن لىن قەبرىسى، بەي جۈييى قەبرىسى قاتارلىق يادىكارلىقلار بار.