سۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
سۇڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭفېڭشيەن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، سۇڭشەن تېغى تەيشىشەن تېغى (دېڭىز يۈزىدىن1440 مېتىر ئېگىز) ۋە شاۋشىشەن تېغى (دېڭىز يۈزىدىن1512 مېتىر ئېگىز) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، چوققىلىرى كۆككە بوي سوزغان بۇ تاغ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى قەدىمكى پايتەخت كەيفېڭ بىلەن لوياڭنىڭ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. قەدىمدىن بۇيان ئەدىبلەر توپلىشىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن، پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالار، ئەدىب ۋە ئۆلىمالار، كاتتا راھىبلار، جەسۇر پالۋانلار نۇرغۇن مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، مەسىلەن، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان شاۋلىن ئىبادەتخانىسى، كۆلىمى زور جۇڭيۆ ئىبادەتخانىسى، تۆت چوڭ بىلىم يۇرتىنىڭ بىرى بولغان سۇڭياڭ بىلىم يۇرتى ۋە ھويلىسىدىكى ئىككى تۈپ «سانغۇن قارىغىيى»، شۇنىڭدەك جۇڭگو بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمكى سۇڭيۆ ئىبادەتخانىسى مۇنارى، خان جەمەتى، بەگ - غوجاملار، خانئانا ئابىدىلىرى، خاتىرە راۋاقلىرى ۋە قەدىمكى رەسەتخانا خارابىسى قاتارلىقلار بار.