تەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تەيشەن تېغى مەنزىرىلىك رايونى − شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرىدە، قەدىمىي گېينسلاردىن شەكىللەنگەن ئۈزۈلمە تاغ بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي چېتىدىكى چىلۇ تۆپىلىكىگە جايلاشقان، ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1545 مېتىر ئېگىز، دائىم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا ئوخشىتىلىدۇ. تەيشەن تېغى بەش ئىلاھىي تاغنىڭ بىرىنچىسى، ئۇ چىن، خەن، تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن تارتىپ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى پادىشاھلار دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن، ئەدىبلەرنىڭ مەدھىيە سۆزلىرى ئويۇلغان، مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قالدۇرۇلغان تاغ بولۇپ، ئوچۇقچىلىقتىكى تارىخ، سەنئەت مۇزېيى دەپ تەرىپلەنگەن. دەيمياۋ بۇتخانىسى، پۇجاۋ ئىبادەتخانىسى، بىشيا ئىبادەتخانىسى، جىڭشىگۇ جىلغىسىدىكى تاش ئويمىلار، لىڭيەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار ۋە يۈخۇاڭدىڭ چوققىسى، كۈن كۆرۈش چوققىسى، ئاي تاماشا قىلىش چوققىسى، تاش ئازگالدىكى قارىغاي، يىڭچۇ جىلغىسى، لوڭتەن شارقىراتمىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەمدە نۇرغۇن قەدىمىي دەل - دەرەخلەر بار.